يازغۇچى فەھمى ھۇۋەيدا بۇ ماقالىسىدە ئاساسلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە ئەرەب - ئىسلام دۇنياسىغا ئاڭلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرى ھەققىدە تەكلىپ ۋە تەشەببۇستا بولغان.
ماقالە مۇنداق باشلانغان: خىتاي ھاكىمىيىتى ھازىرقى ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى خەلقئارا مۇھىتتا پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئىككى تۆھمەتلەر بىلەن قارىلىدى. بىرى، مۇتەئەسسىپ مۇسۇلمانلار ۋە تېررورچىلار؛ يەنە بىرى، بۆلگۈنچىلەر. تۈركىستانلىقلارنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىنتايىن زەئىپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئاۋازلىرىنى ئاڭلىتالماي كېلىۋاتىدۇ، مەزكۇر تۆھمەتلەر تۈپەيلى يامراپ كەتكەن ئەنسىزچىلىكنى تۈگىتىشكە بولغان تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىز قېلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلاردىن يەنە بىرى شۇكى، ئىسلامىي كىملىككە دۈشمەنلىك قىلىنماقتا، بۇ پەقەت خىتاي ھۆكۈمرانلىقى تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى قوشنا دۆلەت تەرەپلەردىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تەرىپىدىن كەلمەكتە. چۈنكى ئۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقانلار كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت دەۋرىدە رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمئىيەتلىرىدە ئىسلامىي كىملىككە قارشى كۈرەشلەرگە ئاكتىپ قاتناشماقتا. شۇ سەۋەبتىن، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تار يەرگە قىستىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. بۇ شارائىتلار ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك. چۈنكى سەلبىي تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كەلگۈسىدىكى دەرۋازىلارنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
ماقالىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، بۇ ھەقتە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرگە قانداق يول تۇتۇش ھەققىدە تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھېرىسمەن پائالىيەتچىلەرنىڭ قانداق يول تۇتۇشى ھەققىدە ناھايىتى ياخشى ۋە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن، تۆۋەندە بىر قانچە ئىدارىي پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
1. بۇ داۋادا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغىنى ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەس. لېكىن داۋا ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشى، يىراق كېلەچەكتە بولسىمۇ ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى ناھايىتى زىيانلىقتۇر.
2. گەرچە كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش قىيىن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن ئەسلا ۋاز كەچمەسلىك لازىم. ئەگەر ئۇنى ھازىرقى نەسىل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا قادىر بولالمىغان تەقدىردىمۇ، قىلچە بوشاڭلىق قىلماستىن، كېيىنكى نەسىللەرگە قالدۇرۇش كېرەك. چۈنكى ئىلگىرىكى نەسىللەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى قىيىن بولغان بۇ ئالىي نىشاننى كېيىنكىلەر ئۆزلىرىگە يارىتىلغان تېخىمۇ ئەۋزەل شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن.
3. شۇنىمۇ تونۇپ يېتىش كېرەككى، بەزى كۈرەشلەردە ئاخىرقى نىشانغا ئالدى بىلەن بىر قانچە باسقۇچلۇق نىشاندىن ئۆتۈش ئارقىلىق يەتكىلى بولىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ ئاخىرقى نىشاندىن ۋاز كەچمىگەن چاغلاردا مەلۇم باسقۇچقا قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
4. جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا تارتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك. گەرچە ئۇ، خەلقئارادىكى ئەمەلىي ئورنىدىن يەر ئالالمىغان بولسىمۇ، ھەر مىللەتنىڭ زېھنىدە تىرىك تۇتۇلۇشى لازىم. بۇ پەقەت تارىخقا، ئەمەلىي ئەھۋالغا ۋە پۈتۈن مىللەتلەر تىلىدا، بولۇپمۇ تۈركىستان خەلقىنى قوللايدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىدا نەشر قىلىنغان تۈركىستان خەرىتىلىرىگە تايىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
5. ئالدىراڭغۇلۇق قىلىش بۇ داۋاغا خىزمەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلە كەلگۈسى ئەۋلادلارغىمۇ داۋام قىلىدىغان بولسا، ئەنە شۇ ئەۋلادلارغا خەلقئارا ئىسلام ۋە ئەرەب ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كىملىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ھەمىشە ئەستىن چىقارماسلىق لازىم.
6. تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئىنتايىن مۇھىم ئامىللاردىن بىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئامىل مەزكۇر داۋانىڭ ئەھمىيىتىنى ھازىر بولغانلارغا ئىسپاتلاپ بېرىدىغان ۋە ئاۋام خەلقنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىردىن - بىر سەھنىدۇر.
ماقالىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىمكانىيەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېيىلگەن: بۇ يەردە يەنە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا خىزمەت قىلدۇرۇش ئىمكانى بولغان بىرقانچە نۇقتىلار بار. بۇ نۇقتىلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. يەنى ئۇلار خىتايغا قارشى ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قوللايدىغان ناھايىتى ئۇلۇغ ئىنسان دېڭىزى مەۋجۇت. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىن ئالىدىغان ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بار. چۈنكى ئەرەب دۇنياسى خىتاي ماللىرى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم تىجارەت بازىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر خىتاي ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بىلەن تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، دىنىي كىملىكىنى ۋە ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش باغلاشتۇرۇلسا، ناھايىتى چوڭ نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ مەنپەئەتكە ئالاقىدار ھۆججەت ۋە توختامنامىلەرنى خىتاي دائىرىلىرىگە قارشى ئىشقا سېلىش پەقەت ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويالىغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
يازغۇچى فەھمى ھۇۋەيدا ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر قانچە مۇھىم نۇقتىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:
ئاخىرىدا مۇنداق نۇقتىلارنى تەكىتلەيمەن: بىرىنچى، بۇ داۋانى ئۈستىگە ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ھەمنەپەس بولۇش ھارپىسىدىكى ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قارىتىلغان تەشۋىقاتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى خىتاي مەنپەئەتى ۋە خىتاي ماللىرى ئۈچۈن مۇھىم سودا بازارنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە سەلبىي ياكى ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.
ئىككىنچى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئۇنىڭ تارىخىنى ۋە بېسىپ ئۆتكەن باسقۇچلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى نەشر قىلىش ئارقىلىق پاكىتقا ئىگە قىلىش لازىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى خىتاي دېڭىزىدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىمۇ خاتىرىلەپ تۇرۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى چوقۇم ئىسپاتلىنىشى ۋە ھەر يىلى يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان يىللىق دوكلات ھازىرلىنىپ ئېلان قىلىش لازىم. شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، دەلىل ئىسپاتلارنىڭ كەملىكى ۋە ئۇنىڭ بىلەن تەشۋىقات ئورگانلىرىنى تەمىنلەشنىڭ زەئىپلىكى تۈپەيلىدىن بىزنىڭ دىيارلىرىمىزدىكى ئومۇمىي خەلق تېخى شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇپتىلا بۇلغان قانلىق تراگېدىيىنى ئۇنتۇپ كەتتى. شۇنىڭدەك ئارقا ئارقىدىن ھۆكۈم قىلىنغان ئۆلۈم جازالىرى ۋە تىز سۈرئەتتە ئىجرا قىلىش ئىشلىرى خەلقىمىزدە تېگىشلىك غەزەپ نەپرەت قوزغىيالمىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.