سىنان ئوگان ئەپەندى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىنىڭ مىللىي مەسىلىسى

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىملىق تۈركىيە زىيارىتىدە خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشىشى ۋە بۇنىڭ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

0:00 / 0:00

بىز ئالدىنقى پروگراممىمىزدا تۈركىيىدىكى سابىق دۆلەت رەئىسى ئەخەت ئەندىجان ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. ئۇ زىيارىتىمىزدە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما ئۇ يەنە، تۈركىيىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە تۈركىيىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ بېىسمى نەتىجىسىدە يەنىلا ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى، خىتايغا قارشى ئۆز پىكرىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدى.

تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىنداش، دىنداش بولۇشى ۋە ئىككى مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەنلىكى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار تۈركىيىنى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە قىلىپ كەلگەن بولسا كېرەك.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە ئۇيغۇر جامائىتى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پائالىيەتلىرىمۇ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان بىر دۆلەت. شۇڭا تۈركىيە مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ئۈچۈن بولسۇن مۇھىم بىر دۆلەت بايقالماقتا. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقتىن تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەرۋاقىت ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ۋە سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ كەلگەن.

يېقىندا خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان زىيارىتى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇيانقى تۈركىيىگە ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى بولۇشىمۇ بۇ زىيارەتنى تېخىمۇ مۇھىم قىلىۋەتتى. تۈركىيىدە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسۇن، بۇ زىيارەت ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىدى. شۇڭا بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە خەلقئارا ئىستىراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى سىنان ئوگان ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ بۇ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ، ئالدى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مەسىلىسى ئۈستىدە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

- تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققى قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئەمما، مەن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىك بولالايدىغانلىقىغا ئانچە ئىشەنمەيمەن. چۈنكى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئەسلىدە تىجارىي ساھەدە بىر - بىرىگە رەقىب. تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان مالنى خىتايمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ، خىتاي ئىشلەپچىقارغاننى تۈركىيىمۇ ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشاش جۇغراپىيىدە مەنپەئەتى بار. خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، كاسپى دېڭىزىدا مەنپەئەتى بار. تۈركىيىنىڭمۇ شۇنداق. شۇڭا بۇنداق بىر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىك بولۇش ئېھتىمالى مەنچە بولغاندا ئىنتايىن ئاز. خىتاي باش مىنىستىرى بۇ قېتىم كېلىپ تۈركىيە بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش توغرىسىدا سۆز قىلدى. تۈركىيە 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە خىتايغا قارشى ئىنتايىن ئېغىر سۆزلەرنى قىلغان تۇرسا، بۇ سۆزلەر قانداق بولۇپ بۇنداق ئىتتىك ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتىمۇ؟

سىنان ئوگان ئەپەندى سۆزىدە خىتاي رەئىسى ۋېن جياباۋنىڭ "تېررورغا قارشى ئورتاق كۈرەش" دېگەن سۆزى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ سۆزگە بولغان پەرقلىق چۈشەنچىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

سىنان ئوگان ئەپەندى: "تۈركىيىدىكى پ ك ك تېررور مەسىلىسى ئىنتايىن جىددىي بىر مەسىلە. تۈركىيە ئۇزۇندىن بېرى تېررورنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئەمما بۇ، خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا تېررور مەسىلىسىدە ئورتاقلىق بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ. چۈنكى خىتاي بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى پائالىيەتلەرنى تېررور پائالىيىتى دەپ ئاتايدۇ. لېكىن تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تېررور كۆزى بىلەن قارىيالمايدۇ. چۈنكى تۈركىيە ئۇ يەردىكى مەسىلىنى ئوخشاش بىر جان، بىر قان، بىر يىلتىز، بىر دىندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىنىڭ مەسىلىسى دەپ ھېسابلايدۇ. يەنى، ئىككى دۆلەت بىر مەسىلىگە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن قارايدۇ. گەرچە بۇ خىل پەرقلىق كۆز قاراش ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە بەك ئوتتۇرىغا چىقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىر ھەقىقەت. بۇ شۇنداق بولۇپ كەلگەن، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك،" دېدى.

سىنان ئوگان ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ چوقۇم كۈن تەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: "ئەلۋەتتە ئېتىك ئىشىكلەرنىڭ ئارقىسىدا نېمىلەر دېيىلگەنلىكىنى بىز بىلەلمەيمىز. پەقەت شۇ مەتبۇئاتلاردا يەر ئالغان خەۋەرلەرگە قاراپ تۇرۇپ باھا بېرەلەيمىز. لېكىن مەنچە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى چوقۇم كۈن تەرتىپكە كەلدى. لېكىن ئىككى تەرەپ مەسىلىگە پەرقلىق قارىغانلىقتىن، ئورتاق بىر نوختا ھاسىل قىلالمىغان گەپ. شۇڭا ئىككى تەرەپ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىمۇ بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئېغىز ئاچمىدى."

سىنان ئوگان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۆنىلىشى ۋە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: "تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھازىر خۇددى تەرەققىي قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. ئەمما، مەن بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك شېرىكلىككە قاراپ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى تۈركىيە بىلەن خىتاي بىر - بىرىگە رىقابەتچى دۆلەت. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نېفىتقا تۈركىيىمۇ ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، خىتاي بولسا تۈركمەنىستاننىڭ نېفىتىنى ئاللىقاچان خىتايغا توشۇشقا باشلىدى. يەنى، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتى بىر - بىرى بىلەن ماسلىشىش ئەمەس، ئەكسىچە بىر - بىرى بىلەن زىتلىشىش ئىچىدە. مەنپەئەتى بىر - بىرىگە بۇنداق زىت بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئورتاق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاي شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپتىن يوقىتىش ئۈچۈن تۈركىيىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت بېرىشكە تىرىشسىمۇ، تۈركىيىنىڭ بۇنىڭغا ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركىيىمۇ ھەم ئىشەنمەسلىكى كېرەك. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيە ئۈچۈن 500 مىليون دوللارغا، بىر مىليارد دوللارغا ياكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە قۇربان قىلىۋېتىدىغان بىر مەسىلە ئەمەس. بۇ بىر مىللىي مەسىلە. خىتاي بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىڭىز بولسۇن، خىتاي سىزگە قانچىلىك مەنپەئەت بەرسە بەرسۇن، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرگە بىز كۆزىمىزنى يۇمىۋالالمايمىز."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.