تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2010.11.11
2010.11.11

RFA Photo / Arslan
مۇراسىمغا، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى، تۈركىيە پارتىيىسى، مىللەتچى ۋە مۇھافىزىكار پارتىيىسى قاتارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قازاقلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
مۇراسىم، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ شېھىتلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇتلۇق سۈكۈتتە تۇرۇش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مۇراسىمدا، يەدىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مەھمەت ساراي ئەپەندى، "تۈركىستان ھۆكۈمەتلىرى نېمە ئۈچۈن مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدى؟" دېگەن تېمىدا، مانىسا جەلال بايار ئۇنىۋېرسىتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەمىن كىركىل ئەپەندى، "مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستاندا تۈنجى مۇستەقىللىق مەسىلىسى ۋە قەشقەر ھۆكۈمىتى"، دېگەن تېمىدا، مانىسا جەلال بايار ئۇنىۋېرسىتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، "ئىمپېرىيالىستلار ئوتتۇرىسىدا بىر مۇستەقىللىق داستانى، 1944 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەقەلىرى"، دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
مانىسا جەلال بايار ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەمىن كىركىل ئەپەندى، "مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق دەۋرىدە شەرقىي تۈركىستاندا تۈنجى مۇستەقىللىق مەسىلىسى ۋە قەشقەر ھۆكۈمىتى"، دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "20 - ئەسەرنىڭ دەسلەپكى يىللىرى دۇنيا تارىخىغا قارايدىغان بولساق، دۇنيادا چوڭ بىر ئۆزگىرىشلەر بولغان، يېڭىلىقلار مەيدانغا چىققان، بۈيۈك ئىمپېراتورلۇقلار يىمىرىلگەن، يېڭى دۆلەتلەر قۇرۇلغان. ئاسارەت ئاستىدا قالغان مىللەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بىر دەۋر ئىدى. مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش دەۋرى دەپ تونۇلغان بۇ زامانلاردا، ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەرىتىلىرى قايتىدىن سىزىپ چىقىلدى. ئەمما تۈركىستان جۇغراپىيىسى ئۆزگەرمىدى. تۈركىستان دېگەن يەر ئەسلى تۈركلەر ياشىغان بىر جۇغراپىيە ۋە بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستان دېگەن يەر بولسا مىلادىيىدىن 100 يىللار ئىلگىرى تۈركلەر ياشىغان يەر. خىتاي تارىختا تۈركلەردىن قوغدىنىش ئۈچۈن سەددىچىن سېپىلىنى ياسىغان بولسىمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆز تىكىپ بىر قانچە قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا 19 - ئەسىردە ياقۇپخان بەدۆلەت ھاكىمىيىتى مانجۇلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. شۇنىڭدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان توختىماي ھەرىكەتلىنىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادا قانچىلىك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەر بولسا ھەممىسى ئۇ يەردە ئىشلىنىۋاتىدۇ. بۇ دەۋر ئۇيغىنىش دەۋرى، ئەلۋەتتە بۇ جىنايەتچىلەر جاۋابسىز قالمايدۇ."

ئادەتتە تارىخي ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلغاندا شۇ دەۋرنىڭ ۋە رايوننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىدۇ. ياقۇپخان دەۋرىدە، 1933 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، بىر تەرەپتە خىتاي، بىر تەرەپتە رۇسىيە، يەنە بىر تەرەپتە ياپونىيە، بۇلار ئاسىيا ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى. يەنە بىر تەرەپتە رۇسىيە بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئەنگلىيە رىقابەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئەنگلىيە رۇسىيىنىڭ دېڭىزدا ئالدىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر ۋەقەلەر بولغان. مۇشۇنداق بىر دەۋىردە يەنى 1931 - يىللاردا ئۇرۇش ھەرىكەتلىنىش ئەۋج ئالدى. بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن ئېغىر بېسىم سەۋەبىدىن بۇنىڭغا قارشى چىقىش باش تارتىپ بولالمايدىغان ۋەزىيەتكە كەلدى، ۋە كۈرەش باشلاندى 1933 - يىلى 9 - 10 - ئايلاردا خوجىنىياز ھاجىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مەيدانغا چىقىشى بىلەن مۇھىم يېڭىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ يەردە ئەمىرلەر ھەرىكىتىنىمۇ بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھەرىكەت دەپ ھېسابلىشىمىز لازىم. بۇ دەۋىردە، مەمەتئىمىن بۇغرا، خوجىنىياز ھاجى قاتارلىق كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىدا يۇرت مۆتىۋەرلىرى بولۇپ تونۇلغان خەلق ئارىسىدا ئېتىبارغا ئېلىنغان كىشىلەر ئىدى. 1933 - يىلى چوڭ ئۈمىدلەر بىلەن قۇرۇلغان بۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، رەھبەرلەرنىڭ ئۆز ئىچىدە پىكىر ئوخشاشماسلىق پەرقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم بولالمىدى ۋە كۈتكەن مەقسەتكە يېتەلمىدى.
شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچلىرى
دوكتور ئەمىن كىركىل ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدا ناھايىتى مۇھىم نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىچكى كابىننىڭ قۇرۇلۇشى، ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزۈلۈشى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى دۆلەتنىڭ رەسمى بايرىقى دەپ تەستىقلىشى. كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكەتلىرى بۇ بايراقنى دۆلەت سىمۋولى دەپ تونۇپ قوللاندى. بۇ دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىشلىرىدىن بىرى، بۇ ھۆكۈمەت دەسلەپتە خىتايدىن ئازات بولغاندىن كېيىن خىتاي بىلەن دۈشمەنلىشىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى. دەسلەپتە ئەنگلىيە ۋە تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورناتتى. خەلقئارادا كۈتكەن ياردەمنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن. بۇ جەريانىدا، بىر تەرەپتىن غەربىي تۈركىستان سوۋېت ئىشغال ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىدىن قايغۇلاندى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى. شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ رۇسىيە ھاكىمىيەت ئاستىدىكى غەربىي تۈركىستانغا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم تەدبىرلەرنى ئالدى. بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلىرىدە ھىندىستان بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت ھىندىستان بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، 1933 ۋە 1940 - يىلىدىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلىرىنىڭ ھىندىستانغا كۆچۈپ كېتىشى ۋە ھىندىستاننى ياشاش ئۈچۈن تاللىغانلىقى بۇ دۆلەت بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. تۈركىيە ئۇ دەۋىردىكى تاشقى سىياسەتتىكى ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت قۇرغان دۆلەت.1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەھمىيىتى
دوكتور ئەمىن كىركىل ئەپەندى 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى ناھايىتى دىققەتنى تارتىدىغان بىر قانۇن ئىدى. بۇ ئاساسىي قانۇن مىللىي دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن. بۇ ئۇ دەۋرنىڭ مىللىي ئويغىنىشنىڭ مەيدانغا چىققانلىقىنى ۋە 1933 - يىلىدىكى ھەرىكەتنىڭ تۈرك مىللەتچىلىكنىڭ ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە مۇھىم. بۇ ئاساسىي قانۇنغا شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايغا قارشى چىققان پۈتكۈل تۈرك مىللىتىنى ۋە ياكى خىتايغا قارشى پۈتكۈل رايون ۋە مىللەتلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە خىتايغا قارشى بىر كۈچ مەيدانغا چىقىرىشنى مەقسەت قىلىپ تۈزۈلگەنلىكى جەھەتتىن ئەھمىيەتكە ئىگە.ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولى
دوكتور ئەمىن كىركىل ئەپەندى 1933 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ رايوندىكى بىر تۈركۈم كۈچلىرى، بۇ ھۆكۈمەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاغدۇرۇۋەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى، ھۆكۈمەتنى قۇرغان رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر تۈركۈم پىكىر ئوخشىماسلىقىنى مەيدانغا چىقىرىپ، كۈشكۈرتۈپ، ئۆز - ئارا پىكىر - ئىختىلاپ پەيدا قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياخشى نەتىجىلەر كۈتۈلۈۋاتقان بۇ ھۆكۈمەت، ئارزۇ قىلىنغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي - تۈرك ئۇرۇشى، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بۇ رايوننى ئىككىنچى قېتىم ئىشغال قىلىشى، ھەرىكەت رەھبەرلىرىنىڭ كۇپ قىسمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرى ۋە ئېشىۋاتقان بېسىم نەتىجىسىدە، بەزى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ غەربىي تۈركىستانغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولىشى، بىر قىسىمىنىڭ ھىندىستانغا كۆچۈپ كېتىشى، بۇ ھەرىكەتنىڭ يېرىم يولدا قېلىشقا سەۋەب بولدى. بۇ ئەلۋەتتە ئاسان بىر كۆرەش ئەمەس، بۇ كۆرۈشتە خەلقئارا ياردەمنى قولغا كەلتۈرمەستىن، بىر دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، ئىدارە قىلىپ يۈرگۈزۈلۈشى، داۋام قىلىشى ئاساس ئىش ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندىمۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا ئىگە چىقىش ۋە داۋانى يۇقىرى باسقۇچقا ئېلىپ چىقىشتىكى ئەڭ چوڭ كەمچىللىكتىن بىرى خەلقئارانىڭ ياردەم قىلماسلىقى، دەپ ئويلايمەن. بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن خەلق ئومۇمىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن دۇنيادا پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىن باشقا ھېچ قانداق بىر يەر قالمىدى. ئاتا يۇرتنىڭ مۇستەقىل، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولىدىغان بىر يۇرتقا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن. ھەر قانداق ۋەزىيەتتە بۇ جەھەتتە قەدەم باسقان پۈتكۈل قېرىنداشلىرىمىزنى خاتىرلەش بىزنىڭ ۋاپادارلىق مەجبۇرىيىتىمىز، كىچىك قەدەم بىلەن باشلاپ چوڭ قەدەم بېسىلىشىنى، چوڭ ئىشلارنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. كۆك بايراقنىڭ ئۇ يەرلەردە لەپىلدىگىنىنى كۆرۈشكە ئاللاھ بىزنى نېسىپ قىلغاي."يىغىندا يەنە مانىسا جەلال بايار ئۇنىۋېرسىتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، "ئىمپېرىيالىستلار ئوتتۇرىسىدا بىر مۇستەقىللىق داستانى، 1944 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ۋەقەلىرى"، دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندا 1944 - يىلىدىكى ھەرىكەتنىڭ تەسىرىنى ۋە بۇ ھەرىكەتنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇستەقىللىققا ئايلىنالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشتە خىتاي تارىخلىرىغا قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. 1911 - يىلى خىتايدا سۇڭ جۇڭشەننىڭ باشچىلىقىدا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىندى. 1925 - يىلى سۇڭ جۇڭشەن ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭكەيشى كەلدى. مىللەتچى خىتاي گومىنداڭ ھاكىمىيىتى، 1911 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاننى قوشۇپ پۈتكۈل خىتاينى ئىدارە قىلدى. 1925 - يىلى سۇڭ جۇڭشەن ئۆلگەندىن كېيىن خىتايدا بىر كوممۇنىزم ئېقىمى مەيدان چىقتى ۋە كوممۇنىزم بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى. بۇ دەۋىردە خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىرىنى يوقاتتى. بۇ يەرگە بەلگىلىگەن ۋالىي ئەمەلدارلار مەركىزى ھۆكۈمەتكە خىيانەت قىلدى. 1940 - يىللاردىن باشلاپ كوممۇنىزم بىلەن مىللەتچى گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى. بۇ دەۋىردە ياڭ زىڭشىن ۋە جىن شۇرىندىن كېيىن ئەڭ چوڭ خىيانەتچى شېڭ شىسەينىڭ 1933 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ۋەھشىيانە زۇلۇم ۋە بېسىم بىلەن باشقۇرۇپ كەلدى. مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ سىياسىي ۋەزىيەتتە، خىتايدىن ئايرىم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇلىستاندىكى ھەرىكەتلەرنى ھېچ قانداق بىر كۈچ قوللىمىدى. چۈنكى مۇستەقىل ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا دۆلەتلەر خىتايدىكى كوممۇنىزمغا قارشى ئىچكى ھەرىكەتلەر سەۋەبىدىن خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان. بۇ سەۋەبتىن خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ھەرىكەتلەرنى قوللىمىغان. رۇسىيە بىر ئاز ياردەم قىلغان ئەمما رۇسىيە ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ياردەم قىلغان."
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە قارىتا تۇتقان مەيدانى
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى 1944- يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايدىن ئۆز ھاكىمىيەت ئاستىغا ئالالمايدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن رۇسىيە شۇنداق سىياسەت يۈرگۈزدى. شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان ھۆكۈمەتنى قوللاش، بۇ خىل ئۇسۇلدا خىتاينى بۇنىڭ بىلەن مەشغۇل قىلىپ، كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، مۇستەقىللىق ھەرىكەتنى ئۆز مەنپەئەتىگە توغرا كەلمىسە قوللىماسلىق سىياسەت ئوينىدى. قارايدىغان بولساق، 1933 - يىلى شېڭ شىسەينى ئەمەلدار قىلغان كۈچ سوۋېت ئىتتىپاقى. 1944 - يىلىدىكى كېلىشىم قىلدۇرغان كۈچمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى."دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قۇربان قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: "شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسى ماناسقا كېلىپ توختىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كىرىشكە 130 كىلومىتېر قالغاندا توختىلىتىدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى، 1945 - يىلى 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە يالتا يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا قوشما شىتاتى ۋە ئەنگىلىيىدىن موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى ۋە خىتايدىن موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يىغىندا بۇ مەسىلىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلىنىشنى قارار قىلىدۇ ۋە بۇ ئىككى دۆلەت ئۆز - ئارا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، خىتاي موڭغۇلىستاننى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشنىڭ بەدىلىگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلەرنى رۇسىيىنىڭ قوللىماسلىقىنى شەرت قىلىدۇ، نەتىجىدە رۇسىيە بۇنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان ھېچ قانداق كۈچنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي يالغۇز قالىدۇ."
دوكتۇر ئۆمەر قۇل ئەپەندى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقنىڭ باشقا سەۋەبلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "ئۇ دەۋىردە ئامېرىكا كوممۇنىزمنىڭ خىتايدا ھاكىمىيەت قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان. بۇ ھەقتە مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالماسلىقتىكى مۇھىم سەۋەبلەردىن بىرسى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلماسلىقتىن بولدى دەپ بىلدۈرگەن. ئەنگىلىيىمۇ ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش پىكىردە چىڭ تۇرغان، شەرقىي تۈركىستان قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بىر دۆلەت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتقا يۈزلىنەلەيدىغان بىرلا چىقىش يولى ھىندىستان ئىدى، سىرتتىن ياردەم ئالالايدىغان يول ھىندىستان ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن ئۇ دەۋرلەردە ئەنگلىيە ھىندىستاننى كونترول ئاستىدا تۇتۇۋاتقان دەۋر بولغاچقا ياردەم قىلىشتىن باش تارتقان ۋە 1944 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى ئۈچۈن سىرتتىن ياردەم ئېلىشتا چوڭ بىر توسالغۇ بولغان. ياپونىيە ئىمپېرىيالىست دۆلەت ئىدى، ئاسىيانى ئىستىلا قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستانلىقلار ياپونىيىدىن ياردەم كۈتكەن بولسىمۇ، قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن. موڭغۇلىسىتان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن 1943 - يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكەتلەرنى قوللىدى، قورال بېرىش ۋە ھەربىي جاھازلارنى ياردەم قىلدى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى موڭغۇلىسىتاننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان بىر ياردەم، بۇنىڭ مەقسىتى خىتاينى تەشۋىشكە سېلىش ۋە موڭغۇلىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىر توسالغۇ پەيدا قىلىش ئىدى."
ئۆمەر قۇل ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: "10 نەچچە يىللار بىلىمسىز قالغان خەلق ئارىسىدا، خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەتنى چۈشىنىدىغان، كەلگۈسىنى پەرەز قىلالايدىغان سىياسەتچىلەرنى چىقىرالمىدى. بۇ سەۋەبتىن شەرقىي تۈركىستاندا سەمىمىي بىر شەكىلدە مەيدانغا چىققان ھەرىكەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرالمىدى. ئارىدىن 76 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى 1944 - يىلىدىكى شەرت شارائىتلاردىن تېخىمۇ ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ھەقىقىي مۇستەقىللىقنى تەبرىكلەشنى خالايدىغان بولسا بۈگۈنكى ۋەزىيەتنى توغرا بىر شەكىلدە مۇلاھىزە قىلىشى كېرەك. مۇستەقىللىق، بۇ مۇقەددەس دەۋاغا ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھېساب ۋە رېئايا قىلماستىن قېرىنداشلىق ۋە بىرلىك ئىچىدە خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.