شىنخۇانىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ يەنە خىتاينىڭ تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭمۇ خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە جازالىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۈگۈن، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ئەركىن ئەكرەم رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رىچارد باررېتنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.
ئۇ ئالدى بىلەن، خىتاينىڭ خەۋىرىدە رىچارد باررېتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئىككى نۇقتىدا بۇرمىلانغانلىقىنى كۆرسەتتى. رىچارد باررېت ئەسلى سۆزىدە شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس، بەلكى، خىتاينى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە ناتوغا ھەمكارلىشىشقا چاقىرغان.
ب د ت ئالىي كومىسارى ئەسلى سۆزىدە پەقەت شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى تىلغا ئالغان؛ ھەرگىز بارلىق شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنى تىلغا ئالغان ئەمەس.
شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئەلقائىدە ۋە تالىبان بىلەن مۇناسىۋىتى بار ياكى يوقلۇقى، بار بولغان تەقدىردە ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ تېررورلۇق سانىلىدىغان - سانالمايدىغانلىقى يىللاردىن بېرى تالاش - تارتىش قىلىنىپ كەلمەكتە.
خىتاي يىللاردىن بېرى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، شەرقى تۈركىستاندا تىنچلىقنىڭ ئاللىقاچان بۇزۇلۇپ بولغانلىقىنى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ، ئەمەلىيەتتە رايوندا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلماقتا.
مۇتەخەسسىس ئەركىن ئەكرەم، ب د ت ئالىي كومىسارىنىڭ تىنچلىققا تەھدىت سۆزىنى نامۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنى ئەگەر تەھدىت دېيىشكە توغرا كەلسە، خىتاي ھاكىمىيىتىگە ۋە خىتاينىڭ كېلەچىكىگە تەھدىت دېيىلىشى كېرەك. ئۇنى رايوننىڭ تىنچلىقىغا تەھدىت دىيىشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن رايوننىڭ تىنچلىقىنى خىتاينىڭ بۇزغانلىقى ئۇنۇتۇلماسلىقى كېرەك.
مۇتەخەسسىس ئەركىن ئەكرەم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ب د ت ئالىي كومىسارىنىڭ سۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە رىئال بىر ئەھمىيەتكە ئىگە سۆزلەر ئەمەسلىكىنى، بۇ سۆزلەرنىڭ پەقەت خىتاي مەتبۇئاتى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىغە تەھدىت سېلىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.