شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشى قانداق ئىشلەنگەن؟

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئامېرىكا دۆلەت مارشى بىلەن بىرلىكتە ئورۇندالدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009.06.10
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Duq-3-qurultay-amerika-305 ﺩ ﺋﯘ ﻕ 3 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن بۇ مىللىي مارشنىڭ قايتا ئىشلىنىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئىچىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قايتا ئورۇندىلىشى قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.

بۇ مارش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ تەشەببۇسى ۋە گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرك ستۇدىئوسىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن، بېلگىيىدىكى مۇزىكانت ئەركىن ئەپەندى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن.

بىز بۇ مىللىي مارش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا، ئەرك ستۇدىئوسىنىڭ ساھىبى ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك ۋە كومپىئوزىتور ئەركىن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. 

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت