0:00 / 0:00
ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن بۇ مىللىي مارشنىڭ قايتا ئىشلىنىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئىچىدە ئېچىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قايتا ئورۇندىلىشى قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇردى.
بۇ مارش دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ تەشەببۇسى ۋە گوللاندىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەرك ستۇدىئوسىنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن، بېلگىيىدىكى مۇزىكانت ئەركىن ئەپەندى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن.
بىز بۇ مىللىي مارش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا، ئەرك ستۇدىئوسىنىڭ ساھىبى ئابدۇراھمان ئۆزتۈرك ۋە كومپىئوزىتور ئەركىن ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.