'شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مۇنبىرى' ب د ت تەشكىلاتىغا خەت يازدى

خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن "تۈرك قانۇن ئىنىستىتۇتى" ۋە "شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى" ئورتاقلىشىپ، "شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى مۇنبىرى" نامىدا بىر ھەيئەت قۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىر پارچە خەت يازدى.

0:00 / 0:00

بۇ خەتنى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تۈرك قانۇنچىلار ئىنىستىتۇتى ئادۋوكاتلىرى ھەم سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەي’ ئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىش بېجىرىش بىناسىغا ئاپىرىپ، تاشقى ئىشلار مۇدىرى ئاخمەت پالا ئەپەندىگە تاپشۇرۇپ بەردى. 15 بەتلىك بۇ خەت خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغان ھالدا يېزىلغان. خەتنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە "شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

بۇ بۆلۈمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى بايان قىلىنغان. كېيىنكى بۆلۈمدە بولسا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بايان قىلىنغان، كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بولغان تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ تەلەپ خەت مۇنداق خۇلاسىلانغان: "بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى دۈنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان خىتاي دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ مەقسەتتىن بەكلا يىراقتا تۇرماقتا. خىتايلار شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىنسانلىق تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، نۇرغۇن مۇستەقىل دۆلەتلەرنى بېسىۋالغان. بۇ دۆلەتلەردىن بىرى بولسا ئۆزىنىڭ چېگرىسى، بايرىقى ۋە ئاساسىي قانۇنى بار، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدۇر. يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىلا بەخت سائادەت ئىچىدە ياشىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى مۇنبىرى نامىدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلار دۇچار بولىۋاتقان زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ دەرھال تەدبىر ئېلىشىنى، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خىتاي دۆلىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى، بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دەرھال قارار ماقۇللىشىنى تەلەپ قىلىمىز."

بۇ خەتنىڭ ئاخىرىغا تۈرك قانۇنچىلار ئىنىستىتۇتى باشلىقى ئادۋوكات ئەمىنە ئاقئوغۇز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك، ئادۋوكات دۇرسۇن يىلماز، ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ۋە ئادۋوكات خاقان ئاشىقنىڭ ئىسمى يېزىلغان ھەم ئۇلارنىڭ ئىمزالىرى قويۇلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.