10 - ئاينىڭ 23 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئىستانبۇلدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
بۇ رەسىم كۆرگەزمسىنى تۈركىيىلىك ئەسەر ساكاخانىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال ئاچقان. ئۇ ئايالنىڭ دادىسى 1946 - يىللاردا قەشقەردىن تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە يۇرتىغا قايتالماي تۈركىيىدە ۋاپات بولغان ئىكەن.
بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىگە ئۇيغۇرلارغا ئائىت 60 پارچە رەسىم قويۇلغان بولۇپ، رەسىملەر ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتلىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، ياشاش ئۇسۇللىرى، قەدىمى بىناكارلىق سەنئىتى ۋە چالغۇ ئەسۋابلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ. مەزكۇر رەسىملەرنى ئەسەر ساكاخانىم 2008 - يىلى قەشقەرگە زىيارەتكە بارغاندا ئۆزى سۈرەتكە تارتىپ ئېلىپ كەلگەن ئىكەن.
ئەسەر ساكا خانىم بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچىشتىكى ئاساسىي مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ تۇغۇلغان ۋە چوڭ بولغان بىر يۇرتى بولىدۇ، شەرقىي تۈركىستان، قەشقەر مەن تۇغۇلمىغان بولساممۇ، دادامنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى، ئوخشاشلا مېنىڭمۇ يۇرتۇم. بۇ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئېچشتىكى مەقسىتىم، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى، كۈندىلىك ياشاش ئۇسۇلىنى تۈركىيىگە ۋە پۈتكۈل دۇنيا تونۇتۇش. مەن بەك ئارزۇ قىلغان ۋەتىنىمگە باردىم ، ئۇ يەرنى زىيارەت قىلدىم. ۋە ئۇ يەرنى رەسىمگە تارتىپ كەلدىم. كېيىن، سەنئەتچى بىر دوستۇم ماڭا، بۇنچىلا مۇھىم ۋە گۈزەل رەسىملەرنىڭ تاشلىنىپ قالماسلىقىنى ۋە كۆرگەزمە ئېچىش تەكلىپىنى بەردى. ئۇنىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم، چۈنكى بۇ رەسىملەر ھەم ۋەتىنىمنىڭ رەسىملىرى ھەم بەك گۈزەل رەسىملەر ئىدى. كېيىن ئۇ دوستۇمنىڭ ياردىمى بىلەن مۇشۇنداق كۆرگەزمە ئېچىپ بۇ رەسىملەرنى قويۇش ئارقىلىق ۋەتىنىمنى تونۇتۇۋاتىمەن."
ئەسەر ساكا خانىم 1958 - يىلى تۈركىيىنىڭ گازىئانتىپ شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1979 - يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ۋە تارىخ - جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىدا مەمۇرىي خادىم بولۇپ خىزمەت قىلماقتا.
ئەسەر ساكا خانىم رەسىم كۆرگەزمە ئېچىش بىلەن بىرگە يەنە، ھەر خىل گېزىت - ژۇرناللاردا مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر تېمىلىرىدا ماقالە يازماقتا. ئۇنىڭ "ئۇيغۇر تائام كۈلتۈرى ۋە تاماقلىرى" ۋە "چۈشتىن رېئاللىققا قاراپ: شەرقىي تۈركىستان" ناملاردا كىتابلىرى نەشىر قىلىندى.
ئەسەر ساكا خانىم 2009 - يىلى 4 - ئايدا ئەنقەرەنىڭ مىللىي پىيانگو سەنئەت كۆرگەزمە زالىدا بىر قېتىم رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچقان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.