'مۇشەققەتلىك قەدەم - شەرقى تۈركىستاندىكى 25 يىل'

بۇ كىتاب شىۋېتسىيىدە 1917 - يىلى نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا دائىر چوڭ ھەجىملىك ماقالىلار توپلىمى بولۇپ، كىتابقا 1892 - يىلىدىن 1917 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقى تۈكىستاندا تۇرغان مىسسيونېر يازغۇچىلار تەرپىدىن يېزىلغان ئەسەرلەر كىرگۈزۈلگەن.

0:00 / 0:00

555 بەتلىك بۇ كىتاب جەمى 70 پارچە ماقالىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ماقالىلەرنىڭ مەزمۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، كۈندىلىك تۇرمۇشى، دىنىي ئېتىقادى، ھۈنەر - سەنئەت ۋە مازار - چىلتەنلىرىگىچە چېتىلغان. ماقالىلارغا يەنە، شۇ دەۋىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى رىئاللىقىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى بولغان نۇرغۇن رەسىملەرمۇ قىستۇرما قىلىنغان.

گەرچە كىتاب ھەر خىل ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان ھەر خىل ماقالىلەردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، ئەمما مەزمۇنى شەرقى تۇركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر سۈپىتىدە بىر سېستىما ھاسىل قىلغان. مەسىلەن، كىتابتىكى "شەرقى تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى"، "تەبىئى مەنزىرىلىرى"، "كېلىماتى"، "يېزا - شەھەرلىرى"، "شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى"، "مەدەنىيەت پۈرسەتلىرى"، "ئۇيغۇر تىلى"، "ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرى"، "ئۇيغۇر تىلىدىكى ماقال - تەمسىللەر"، "ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدىن كۈرۈنۈشلەر"، "شەرقى تۈركىستاندىكى ئاياللار"، "شەرقى تۇركىستاندىكى ئىسلام"، "شەرقى تۈركىستاندىكى مازار ۋە چىلتەنلەر"، "شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلار" ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا ماقالىلەر بۇ نوختىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

ئاپتورلار ماقالىلىرىدا ئەينى چاغدىكى شەرقى تۇركىستاننىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال ئەھۋالىنى ئۇبىكتىپ يۇرىتىپ بىرىشكە تىرىشقان بولۇپ، شەرقى تۇركىستاندەك گۈزەل ۋە باي زېمىندا نامرات، بىخۇد، نادان ۋە ئاجىز ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەختسىز تەقدىرىنى، بۇ زېمىنغا بايلىق ۋە بەخت ئىزدەپ كىلىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئاچكۆز خاراكتېرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما قىلغان.

مەسىلەن، كىتابتىكى "شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلار" دېگەن ماقالىدا، "شەرقى تۈركىستان خىتايلار ئۈچۈن خۇددى شىۋېتسىيىلىكلەر 19 - ئەسىردە بايلىق ۋە بەخت ئىزدەپ ئامېرىكىغا بارغىنىدەك، ئالتۇن ۋە بەخت ئىزدەپ كېلىدىغان ماكاندۇر، ئۇلار بۇ يەردە بىر قانچە يىل ئىچىدە يانچۇقلىرىنى ئالتۇن بىلەن تولدۇرغاندىن كېيىن، ئىچكىرىدىكى يۇرتلىرىغا كېتىدۇ ۋە بىر قانچە ۋاقىتتىن كېيىن يەنە قايتىپ كېلىدۇ. مەن بۇنداق شەرقى تۈركىستانغا قايتا كەلگەن بىر قانچە خىتايلار بىلەن سۆزلەشكەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار خىتايدىكى يۇرتلىرىدا ئۇنچىلىك خۇشال ياشىيالمايدىغان بوپقاپتىمىش."

كىتابتىكى ماقالىلار 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلشتا پايدىلىنشقا بولىدىغان قىممەتلىك ماتېرىياللار بولۇپ، تارىخچىلارنىڭ ئىزدىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ كىتابتىكى "ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرى" دېگەن ماقالە باشقا بىر مىللەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان كامدىن - كام ئۇچرايدىغان ماتېريال بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە تۈزۈك ئىزدىنىپ باقمىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشقا تۈرتكە بولالايدۇ. گەرچە ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىدىكى سەلبىي تەرەپلەر كۆپىرەك بايان قىلىنسىمۇ، يۈز يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ خاراكتېرىدا قانچىلىك ئوخشاشلىق ۋە قانچىلىك ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى تېپىپ چىقىشتا ئاساس بولىدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

مەسىلەن، ماقالىدا مۇنداق بايانلار بار: "ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسان ئاچچىقى كېلىپ، ئاسان ئاچچىقى يانىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالى چوڭ، قىزىققان، تەرسا، سەۋرى - تاقىتى كامچىل كىلىدۇ... ئۇيغۇرلار قورقۇنچاق، يۈرەكسىز، دادىل ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە ھوقۇق تىگىدىغان بولسا، ئۇ دەرھال باشقىلارغا كۈيۈنمەيدىغان، رەھىم - شەپقەتسىز زالىم ئادەمگە ئايلىنىدۇ...."

دېمەك بۇ كىتاب ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بار ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.