بۇ ئەسەرنى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق تونۇلغان ئالىم ۋە يازغۇچى مۇھەممەد قاسىم ھاجىم تەرجىمە قىلىپ، نەشىرگە تەييارلاپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن باستۇرغان. مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ھەقتە سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
مۇھەممەد قاسىم ھاجىم بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: " 1985 - يىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قرال ئابدۇلئەزىز ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر قانچە نەپەر ئوقۇغۇچى مەندىن " شەرقىي تۈركىستان تارىخى" نى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇلارغا بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىشىم ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئىشەنچ قىلالمايۋاتقانلىقىمنى، ھەر ھالدا ئويلۇنۇپ بېقىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدىم. كېيىنچە مەرھۇم دوكتور ئابدۇلقادىر تاش باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىلىرى يەنە بۇ ماۋزۇنى ئاچتى ۋە مېنىڭ بۇ ئەسەرنى چوقۇم تەرجىمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى ئۆتۈنۈپ، "بىز ئانا ۋەتەننىڭ سىرتىدا تۇغۇلغانلار ئۇيغۇر تىلىنى قانچە تىرىشساقمۇ سىلىدەك بىلەلمەيمىز، شۇڭا بۇ ۋەزىپىنى سىلىدەك ئانا تىلنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك" دىدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشقا بەل باغلىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ كىتابنى سەككىز ئايدا تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدىم. كىتابنى رۇخسىتىنى ئېلىپ بولغان بولساممۇ ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ۋاقتىدا باستۇرالمىغان ئىدىم. ئەمدى مانا بۇ كىتابنى 500 نۇسخا باستۇردۇم"
بۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش
" شەرقىي تۈركىستان" ناملىق بۇ ئەسەر 1998 - يىلى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تەرجىمە قىلىنىپ ساق 10 يىلدىن كېيىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. كىتاب سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس رۇخسىتى بىلەن ھۆكۈمەت مەتبەئەسىدە بېسىلغان. كىتابنىڭ ھەجمى 950 بەت بولۇپ، ناھايىتى ئېسىل قەغەزگە بېسىلغان. كىتاب مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن بېسىلىپ ھەقسىز تارقىتىلماقتا.