تىزىملىكتە مەمتىمىن مەمەت، ئەمەت ياقۇپ، مەمەتتۇرسۇن ئىمىن، مەمەتتۇرسۇن ئابدۇخالىق، شەمشىدىن ئەخمەت ئابدۇمىجىت، ئەكرەم ئۆمەرجان، ياقۇپ مەمەت ۋە تۇرسۇن توختى قاتارلىق 8 كىشى بولۇپ، بۇلار شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە غوللۇق ئەزالىرى دەپ كۆرسىتىلگەن.
خىتاي شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنى شەرقى تۈركىستاندا ۋە ئافغانىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورچى تەشكىلات دەپ قارايدۇ. خىتاي 2002 - يىلى مەزكۇر تەشكىلات ھەققىدە ھازىرلىغان دوكلاتىدا، بۇ تەشكىلاتنىڭ 1990 - يىللاردىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 200 قېتىمدىن ئارتۇق قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ جەرياندا، 162 كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە 440 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ قېتىمقى تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنىڭ باشلىقى ھەسەن مەخسۇم 2003 - يىلى 11 - ئايدا پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ ئەسكىرىي قوماندانى مەمتىمىن مەمەت تەشكىلات باشلىقى بولغان. مەمتىمىن ئەمەت بۇ 37 ياش. ئىنتېرنېتتىكى بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەبداشلىرى ئۇنى ئابدۇلھەق داموللا دەپ ئاتايدۇ. ئابدۇلھەق داموللا يەنى مەمتىمىن مەمەت بۇ قېتىمقى 8 كىشىلىك تىزىملىكتە تېررورچىلارنىڭ كاتتىبېشى دەپ تەرىپلەنگەن ۋە ئۇنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرىغا قوراللىق ھەرىكەت ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
تىزىملىكتىكى ئىككىنچى شەخس، ئەمەت ياقۇپتۇر. ئەمەت ياقۇپ بۇ يىل 43 ياش بولۇپ، تىزىملىكتە ئۇ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەسكىرىي قوماندانى دەپ تەرىپلەنگەن. قوماندان ئەمەت ياقۇپنىڭ تەشكىلات ئىچىدىكى ئىسمى سەيپۇللاھ بولۇپ، بۇ يىل بېيجىڭ ئولىمپىكىغا قارشى ئىنتېرنېتتە بايانات ئېلان قىلغان. تىزىملىكتىكى ئۈچىنچى شەخىس مەمەتتۇرسۇن ئىمىن بولۇپ، 34 ياش. ئۇ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ سابىق يېتەكچىسى ھەسەن مەخسۇمنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ۋە شوپۇرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، مەمەتتۇرسۇن ئىمىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئارقا سەپ ئىشلىرى مەسئۇلى. تىزىملىكتىكى 4 - شەخىس مەمەتتۇرسۇن ئابدۇخالىق بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 32 ياش.
تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇ تەشكىلاتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى بولۇپ، بۇ يىل ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوزغاش ۋە پىلانلاش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان. تىزىملىكتىكى 5 - شەخىس ئەكرەم ئۆمەرجاندۇر. تىزىملىكتە بايان قىلىنىشىچە، ئۇ بۇ يىل 31 ياش، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ غوللۇق ئەزاسى، ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە، خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان بىر بازارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. خىتاي تەرەپ سىياسىي دىپلوماتىيە كۈچىگە تايىنىپ ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئالغان.
تىزىملىكتىكى 6 - شەخىس ياقۇپ مەمەت بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 32 ياش. تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، ياقۇپ مەمەت جەنۇبىي ئاسىيادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە خىتاي شىركەتلىرىگە ۋە بىر ماي زاۋۇتىغا ئۆزىنى پارتىلتىۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. مەزكۇر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبلىك مەقسەت ئەمەلگە ئاشمىغان. تىزىملىكتە ياقۇپ مەمەتنىڭ ئادەم بومبا تەربىيىسى كۆرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. تىزىملىكتىكى 8 - شەخىس تۇرسۇن توختى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 33 ياش. تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، تۇرسۇن توختى ھەر قايسى جايلاردا تەشكىلات شۆبىلىرىنى قۇرۇش ۋە ئىقتىساد توپلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
يەنە تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ 8 كىشىدىن 3 نەپىرى ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، تەشكىلات باشلىقى مەمتىمىن مەمەت بىلەن ئەمەت ياقۇپ يۈكسەك دىنىي مەلۇماتقا ئىگە، ھەممىسى ئەسكىرىي تەلىم كۆرگەن. ئۇلار چوڭ - كىچىك تىپتىكى قوراللارنى ئىشلىتىش، بومبا ياساش، تۈرلۈك ئەسكىرىي ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش ماھارىتىگە ئىگە. تىزىملىكتە بىلدۈرۈلىشىچە، بۇ كىشىلەر جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەردە تەشكىلاتىغا ئەزا توپلاش، مەبلەغ توپلاش، خىتايغا قارشى ئەسكىرىي ھۇجۇم پىلانلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا.
يۇقىرىدىكى مەلۇماتلار پەقەت خىتاي تەرەپ ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردۇر. تىزىملىكتە ئەيىبلەنگەن كىشىلەر ۋە تەشكىلات خىتاينىڭ بۇ باياناتىغا ھازىرغىچە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئەمما ئولىمپىك ھارپىسىدا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى نامىدا ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە باياناتتا خىتاي شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلمىنى توختىتىشقا چاقىرىلغان ئىدى.
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، ئۆز دۆلىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى، دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى كېلىشىملەرگە ئاساسەن مەزكۇر كىشىلەرنى تېررورچى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بۇ كىشىلەرنى دەرھال قولغا ئېلىشىنى ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا كېلىشىملەردە يەنە، ئۆز ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان كىشىلەرنىڭ تېررورچى ھېسابلانمايدىغانلىقىغا ئائىت كۆپلىگەن ماددىلار بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈم جازاسى ۋە قىيىن - قىستاق يولغا قويۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرگە جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇش خەلقئارا كېلىشىملەردە مەنئىي قىلىنىدۇ. بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى باياناتىنىڭ قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.
