«دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش» يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، 3-نۆۋەتلىك دۇنيا «شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق» ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كۇلتېر-سەنئەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىن مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە بۇ پائالىيەت بىر ھەپتە داۋام قىلىدىكەن.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمغا تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش ۋە ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. مۇراسىمدا يەنە تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى جەلال ئەرباي، تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىنىڭ رەئىسى نىجاتى جەيلان، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئۇرۇچ، ئاممىۋى ھەمكارلىق بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئايخان ئوگان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك، ئىنسان ۋە زەيتىنبۇرنۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئىلياس ساكا ئەپەندىلەر مۇھىم سۆز قىلدى.

uyghur-qerindashlik-yighini-385.jpg
«شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق» ئۇچرىشىش يىغىنىدا، شەھەر باشلىقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى. 2011-يىلى 19-ئىيۇن. (RFA/Arslan)

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە 10 ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ئالىملار، ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە دىنى ئالىملار ھەم زىيالىيلار سۆز قىلدى.

يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. كۆرگەزمىگە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسى، دۆلەت گېربى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان رەسىملەر قويۇلغان.

يىغىن ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئىستانبۇلنىڭ ئۈچ ئورنىدا ئېچىلغان ئانا تىل يەسلىسى سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر خىل ئويۇن كۆرسەتتى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. ناخشا ئوقۇدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تۈركىيە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:30 دا باشلىنىپ سائەت 15:00 دە ئاخىرلاشتى. يىغىن ئاخىرىدا يىغىندا سۆز قىلغان پارلامېنت ئەزالىرى، شەھەر باشلىقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا تەقدىرنامە تەقدىم قىلىندى. ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 گە يېقىن ئۇيغۇر بولۇش شەھىرىنىڭ ساياھەت رايونىغا قاراپ ئاپتوبۇس بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

3-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمى تۈركىيىنىڭ بولۇش شەھىرىگە قاراشلىق مۇدۇرنۇ ساياھەت رايونىدا داۋام قىلماقتا. بۇ يىغىن 26-ئىيۇل كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

بىز بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ھەر يىلى بىر قېتىم دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 3-قېتىملىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.