مەزكۇر كىتاب ئەرەب ئوقۇرمەنلەرگە تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ كىتاب ھەققىدە بەرگەن باھالىرى ئالاھىدە يۇقىرى بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كىتابنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز سىراجىددىن ھاجىمغا مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
سىراجىددىن ھاجىم مەزكۇر كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتلارنى بەردى.
«خىتاي كۆچمەنلىرى»ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى باشقا كىشى
بىز ئىلگىرى بۇ كىتابنى تونۇشتۇرغان پروگراممىمىزدا «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى» ناملىق، مۇندىن يىگىرمە يىل ئىلگىرى يېزىلغان بىر كىتابنىمۇ توختى ئاخۇن ئەركىننىڭ دەپ تونۇشتۇرغان ئىكەنمىز. كېيىنچە، توختى ئاخۇن ئەركىن بۇ پروگراممىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ«شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى ئەمەسلىكىنى، ئۆزىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە ئوقۇشلۇق» دېگەن كىتاب بىلەن «شەرقىي تۈركىستان - ئۇنتۇلغان ئىسلام دىيارى»ناملىق كىتابنىلا يازغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇستاز سىراجىددىن ھاجىممۇ «شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى توختى ئاخۇن ئەركىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.