يىغىننى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزى (ESAM)ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن 2012 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - 28 - كۈنلىرى ئىستانبۇلدىكى ۋوۋ مېڭ يىغىن زالىدا ئېچىلدى.
بۇ يىغىننىڭ ئاساسى مەقسىتى، مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ۋە يېڭى دۇنيا سىستېمىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، يىغىنىغا دۇنيانىڭ ەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاممىۋى تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ رەئىس ياكى ۋەكىللىرى قاتناشتى.
بۇ يىغىنغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى، دۆلەت مىنىستىرى بەكرى بوزداغ، سائادەت پارتىيىسى رەئىسى مۇستافا كامالاك، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزى رەئىسى رەجائى قوتان، سائادەت پارتىيىسى ئىدارە ەيئەت رەەرلىكىنىڭ مەسئۇلى ئوغۇزخان ئاسىلتۈرك قاتارلىق مۇ شەخسلەر قاتناشتى.
يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ەتۇللا ئوغۇزخان، باش نازىر ئابدۇەكىمخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىندا ەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى، ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ پىلان تۈزۈپ شۇ پىلان بويىچە ئىلگىرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمەلىيەتچانلىققا ئەەت بېرىش كېرەكلىكىنى، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن نادامەت چەكمەستىن ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى، سۈرىيىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ باشقا مۇسۇلمان رايونلىرىدا يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يىغىن قۇرئان كىرىمى تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، يىغىندا ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار مەركىزى (ESAM) رىجائى قوتان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. رىجائى قوتان سۆزىدە : ئىسلام بىرلىكىنى قۇرۇش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى. بۇ بىرلىكنىڭ پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا يەنە سائادەت پارتىيىسى يۈكسەك ئىستىشارە ئىدارىسى باشلىقى ئوغۇزخان ئەسلىتۈرك يىغىن ئەە خىتابەن مۇنداق دېدى: بۇ يىغىنىمىزدا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ۋە كۈچلەندۈرۈلۈشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ەققىدە قىسقا توختىلىمەن. بۇ بىرلىكنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى ۋە كېيىن كۈچلەندۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئورتاق سىياسىي ئىرادىسى مەيدانغا كېلىشى كېرەك.
يىغىن ئاخىرىدا يىغىندا ئېلىنغان قارارلار ئېلان قىلىندى. بۇ قارارلار ئىچىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ، پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستان زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىنغان ئىسلامى جۇغراپىيىلەر دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يىغىندا يەنە ئازاد كەشمىر ئىسلام پارتىيىسى رەئىسى پروفېسسور ئابدۇرېشىت تۇرابى ئەپەندى سۆز قىلىپ، كەشمىر مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوخشاش مەسىلە ئىكەنلىكىنى، كەشمىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن قوشنا رايون ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
يىغىندا يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن ۋەكىل ئەخمەت فەرىد مۇستافا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئىسلان دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى، سۆزدە ئىپادىلەپ قويماستىن بەلكى ئەمەلىي ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە خىتاي ماللىرىنى سېتىۋېلىشنى بايقۇت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00