دوكتور ئىززىددىن ۋەردانىي ئۆزىنىڭ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ھەققىدە يېزىپ تاماملىغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بۇ توغرىلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، ئەرەب دۇنياسىغا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان.
دوكتور ئىززىددىن ۋەردانىي ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى توغرىلىق يازغان ئەسەرلىرى بىلەن ئەرەب ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشلۇق شەخسىيەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن بىرى«شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي»دېگەن ئەسىرىدۇر.
كىتابنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى
«شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ماقالىلەر» ناملىق كىتاب 350 بەتلىك، چوڭ ھەجىملىك كىتاب بولۇپ، كىچىك ماۋزۇلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا كىتاب چوڭ 10 - بۆلۈمدىن تۈزۈلگەن. كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولغان ئۇيغۇر ئېلى، ئۇزۇن تارىخلاردىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خىتاي سۈركىلىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان ئۇنتۇلماس تۆھپىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ئورنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئارزۇ - ئارمانلىرى ۋە ئومۇمىي مۇددىئاسى، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەبلەر، ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان مەۋقەسى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى قوغداش لازىملىقى ھەققىدە چىقارغان قارارلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ كىتاب ئاساسەن، ماقالىلەر توپلىمى بولۇپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر ئېلى توغرىلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازغان مەشھۇر يازغۇچىلاردىن فەھمى ھۇۋەيدى، فاتىمە مەنۇفى، راغىب سەرجانى، ماجىدە مەخلۇت، ئەكرەم ھىجازى، ئىبراھىم بەييۇمى، توختى ئاخۇن ئەركىن، ئەھمەد ئەبۇزەيد، مۇھەممەد بەدەۋى، ھەسەن ئەبۇ تالىب، ئەلى تەلقانى، شەرقاۋى قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىلمىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى مۇناسىۋەتلىك جايلارغا قويۇلغان. كىتابتىكى ماقالىلەردە سۆزلەنگەن ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەممىسى مەنبەلىرى بىلەن ئېنىق بېرىلگەن.