يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. يىغىن قۇرئان كىرىمنى قىرائات قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئايلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مەقسىتى ۋە جامائەتلىشىپ بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە: جامائەتلىشىش ۋە تەشكىلاتلىشىشىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان خەلقنى قۇتقۇزۇش، ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن چوقۇم جامائەتلىشىش كېرەكلىكىنى ۋە بىر تەشكىلاتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، خىزمەت قىلغاندا خىزمەتنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلىدىغانلىقىنى، يالغۇز بېشىغا قىلغان خىزمەتنىڭ نەتىجىسى ئاز كۆرۈلىدىغانلىقىنى ياكى ھېچ كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
كىيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىش مەسئۇلى ئابدۇلھېكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىم شەرتلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە دىن، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا4 تۈرلۈك شەرت بولمىسا خىزمەت نەتىجىلىك بولمايدىغانلىقى ۋە خىزمەت قىلىشتا كۈچلۈك ئىرادە بولۇش، پىداكار روھ بولۇش، ئۆز خەلقىگە ۋاپادار بولۇش ۋە خەلقنى نىجاتلىققا يېتەكلەپ ماڭدىغان يولنىڭ پرىنسىپلىرىنى مۇكەممەل تونۇپ يېتىشتىن ئىبارەت 4 تۈرلۈك شەرتنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
0:00 / 0:00
