شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، باش نازىر ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىنىڭ رىياسەتچىسى سىراجىدىن ئەزىز، ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن قاتارلىق 4 كىشىدىن تەركىپ بىر ھەيئەت 2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنىدىن 2012 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە، شىۋېتسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، دانىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر جەمئىيەتلەر شۇنداقلا خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇ ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا، شۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت قاپلان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەمەت توختى. شىۋىتسارىيدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىي ئەنۋەر راخمان، گوللاندىيە شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قاراقاش قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. زىيارەت جەريانىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار بىلەن خىزمەت ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان، ئۇچرىشىشتا يەنە خىزمەت - پائالىيەتلەر توغرىسىدا تەكلىپ - پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. 4 كىشىلىك بۇ ھەيئەت 2012 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ياۋرۇپا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى.
بىز بۇ زىيارەت توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە ئۇيغۇر زىيالىي سىراجىدىن ئەزىز قاتارلىق شەخسلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.