بۇ ماقالە 1933 - يىلى 9 - ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ نىڭ مەقسىتى ۋە ئۇنى قانداق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە قىممەتلىق پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ياش تۈركىستان ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى ئەينى زاماندىكى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى مۇستافا چوقاي ئەپەندى ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ:
شەرقىي تۈركىستاننىڭ قانلىق ئۇرۇشى داۋاملاشماقتا. بۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتلىرى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە يەر بەرمەكتە. ھەتتا باشقا تۈركىي خەلقلەر ھەققىدە خەۋەر يېزىشقا ئېھتىيات قىلىۋاتقان تۈركىيە مەتبۇئاتىمۇ شەرقىي تۈركىستان مىللى كۈرىشىنى قوللايدىغان ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى. ياش تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى 3 سانىدا يانى 43 - ، 44 - ، 45 - سانلىرىدا مۇخبىرىمىز تەڭرىبەردىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەر ۋە مىللىي ئازادلىق كۈرىشى يولىدىكى قىيىنچىلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. يەنە مىللىي يول ژۇرنىلىنىڭ 7 - سانىدا بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن ۋە ژۇرنىلىمىزنىڭ ئۆتكەنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان يەكەن ۋە قەشقەردىن كەلگەن خەتلەردىن بۇ دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان توپىلاڭنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىۋېلىش مۇمكىن. شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى بۇرۇنقىدەكلا خىتاينىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ مەقسەتنىڭ بىر قىسمى ئەمەلگە ئاشتى.
مۇستافا چوقاي ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پۈتۈن قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بەزى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداش خەلقلەرنىڭمۇ ئورتاق دەۋاسى. بىز بەزى رۇس مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەرگىمۇ قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.
ئەسلىدە بۇلارنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئەمما تۆۋەندىكى ئىككى سەۋەب تۈپەيلىدىن بۇلارنى دېيىش ئېھتىياجى ھېس قىلدۇق.
بىزگە كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇندىن بىر مۇددەت بۇرۇن سوۋېتنىڭ قولى ئاستىدىكى تۈركىي خەلقلەردىن بىر مۇھاجىر، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان توپىلاڭلارنى رۇسلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى دېگەن. بۇ كىشىنىڭ نېمىگە ئاساسەن بۇ گەپنى ئېيتقانلىقىنى بىلمەيمىز. توپىلاڭ كۆتەرگەن خەلقنىڭ قولىدىكى جايلار رۇسلاردىن تازىلانغان. ياش تۈركىستان ژۇرنىلىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان يەكەن ۋە قەشقەردىن كەلگەن خەتلەردە، شەرقىي تۈركىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا يوللىرى تامامەن ئېچىلدى دەپ يېزىلغان ئىدى. بۇ بولشىۋىكلەرگە قارشى زور زەربە. شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ نەزىرىدە ھېچ ئابرويى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ مەخپىي ياردەملىرى بىلەن مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى. ئەسلىدە موسكۋانىڭ تەسىرى ئاستىدا بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى بىمالال ئېلىپ كېتىپ ئىشلەتكەن ۋە ئىقتىسادى تەسىرى ئاستىغا ئالغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارارسىز بولۇشى سوۋېت ئۈچۈن پايدىلىق.
مۇستافا چوقاي ماقالىسىدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:
شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ غەلىبىسى، سوۋېت ئىنقىلابى ۋە سوۋېتنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئۈچۈن بۈيۈك خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. بىر تەرەپتىن ياپونىيىنىڭ مانجۇرىيە دۆلىتى ئارقىلىق موڭغۇلىيىگە بېسىپ كىرىپ شەرقىي تۈركىستانغا يېقىن كىلىشى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەنگىلىيىنىڭ تىبەتتىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادى ھاكىمىيىتى، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىن ئۇزاق تۇرۇشىغا سەۋەب بولغان ئامىللاردۇر.
يەنە بىر سەۋەب، ياش تۇركىستان ژۇرنىلىغا بىز ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغان شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كومىتېتى نامىدىن يېزىلغان بىر پارچە مەتبۇئات باياننامىسى كەلدى. بۇ بايانات ھەم شەكىل ھەمدە مەزمۇن جەھەتتىن بەك سەلبىي تەسىر قوزغىدى. بۇ بايانات شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ روھىغا خىلاپ. بۇ ئاجايىپ باياناتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالمايمەن. بايانات شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىشلەتكەن تىلدا يېزىلمىغان.
باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرى بايان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ خىتايدىن پەقەتلا ئالىي ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. مەتبۇئات باياننامىسىنىڭ 4 - ماددىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېزىشىدىغان خەت - چەكلەر خىتاي تىلىدا بولىدۇ دېيىلگەن. 10 - ماددىسىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رازىلىقىنى ئالماستىن خىتاي كۆچمەنلەر ئېلىپ كىلىنىدۇ دېيىلگەن. يەنى بۇ باياناتتا خىتاي تىلىنىڭ دۆلەت تىلى بولىدىغانلىقى قوبۇل قىلىنغان.
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرىنىڭ بۇنى يازىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بۇ بايانات شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭمۇ ئويدۇرما بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى مەلۇم. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خىتايغا قارشى كۈرەشلەردە جېنىنى پىدا قىلىۋاتقان شەرقىي تۇركىستانلىقلارنىڭ ياۋرۇپادا بۇنداق بىر بايانات تارقىتىشى مۇمكىنمۇ؟
مۇستافا چوقاي ئەپەندى 1933 - يىلى ياش تۇركىستان ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان شەرقىي تۇركىستان ھەققىدە ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:
شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنى ئالىي ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۇرۇش دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كومىتېتى نامىدىن بۇنداق باياناتلارنى ئېلان قىلىش توغرا ئەمەس. بۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن، تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىقى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق. بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئۆز مەسىلىمىز دەپ قارىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننى خىتايدىن قۇتۇلدۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ دەۋانى يالغان بايانات ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان تەشكىلات ۋە كومىتېتلاردىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كەرەك.
ياش تۈركىستان ژۇرنىلىنىڭ 1933 - يىلى 9 - ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئاڭلىدىڭلار.