«شەرقىي تۈركىستان مېھرى - شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2011 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان«شەرقىي تۈركىستان مېھرى - شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىدىكى ئەلى ئەمرى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە خەلق ئاۋازى پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇقەددەر باشئەگمەس، خەلق ئاۋازى پارتىيىسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە فاتىھ رايونلۇق شۆبە مەسئۇللىرى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ۋەكىللىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر - ئايال بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مېھرى - شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. كېيىن مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. پائالىيەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، ۋە تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى مۇقەددەر باشئەگمەس ئەپەندى سۆز قىلدى.

مۇقەددەر باشئەگمەس ئەپەندى يىغىن ئىشتىراكچىلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: قېرىنداشلىرىم، تۈركىيە سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار، سىلەر بۇ يەرگە مېھمان ئەمەس، بۇ يەر سىلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىڭلار، بۇ يەرنىڭ ئىگىسى سىلەر. ئەمما سىلەرنىڭ يەنە ئالاھىدلىكلار بار، ئۇ بولسىمۇ سىلەرنىڭ ئۇزاق بىر يەردە يەنە بىر ۋەتىنڭلار بار. ئۇ يەرنى تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا تۈرك خەلقىگە تۇنۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىڭلار بىرلىشىپ، تونۇشۇپ ئۆز ئارا بىر - بىرىڭلار بىلەن ھەمكارلىشىشىڭلار كېرەك. بىر - بىرىڭلارغا ئىگە چىقىشىڭلار كېرەك.

مۇقەددەر باشئەگمەس ئەپەندى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيىدە كۆپلەپ پائالىيەت قىلىش كېرەك، شەرقىي تۈركىستاننى ئىنسانلارغا تونۇتۇش كېرەك. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى كۆتۈرىۋالغان ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن بەزى تۈركلەر بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇلار بىزنىڭ بايراقنىڭ رەڭگىنى كۆك رەڭ بىلەن بوياپ نېمە ئىش قىلىدۇ، دېگەندەك سوئال سورىغانلار بولدى. دېمەك تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار، دېمەك ئەڭ ئەقەللىسى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى قوشنىلىرىمىزغا، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا يېتەرلىك تونۇتالمىغان كەمچىللىكىمىز بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ شەرقىي تۈركىستاننى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش، تونۇتۇش پائالىيىتى قىلىشىڭلار كېرەك. سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار بىر تەشۋىقاتچىغا ئوخشاش، بىر پىداكار بولۇپ، ئۆز ۋەتىنىڭلارنى، مىللىتىڭلارنى، مەدەنىيەتلىرىڭلارنى تونۇتۇش، نەدىن كەلگەنلىكنى، غايە - مەقسەتلىرىڭلار نېمە، قانداق دەرت - ئەلەملىرىڭلەر بار، بۇلارنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ھەممىڭلارنىڭ خىزمەت مەجبۇرىيىتى.

مۇقەددەر باشئەگمەس ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەي دۇنيا بىزنى ھەرگىزمۇ يالغۇز دەپ خام خىيال قىلماڭلار، بىز قان قېرىنداش. بىزنى يالغۇز كۆرۈپ، يالغۇز دەپ بىلىپ بىر بىرلەپ قۇربان قىلماڭلار. بىزنى ئالدىماڭلار، بىز يالغۇز ئەمەس بىزنىڭ ئىمانى قېرىنداشلىق بىرلىكىمىز بار. بىز ھېچ كىمگە دۈشمەنلىك قىلمايمىز. بىزگە ھېچ كىم زۇلۇم قىلمىسا بىز ئۇنىڭغا ھېچ چېقىلمايمىز. بىزگە كىم زۇلۇم قىلىدىكەن بىز ئۇنىڭغا قارشى چىقىمىز. بىز خىتايلارنى خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيبلىمەيمىز. رۇسلارنى رۇس بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيبلىمەيمىز، ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيبلەيمىز. تەنقىد قىلىمىز، قارشى چىقىمىز. چۈنكى ئىمانىمىزنىڭ شەرتى بۇ، چۈنكى ئادالەت زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش دېمەكتۇر.

مۇقەددەر باشئەگمەس ئەپەندى سۆزىدە يەنە يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: ھەر بىرىڭلار ۋەتىنىڭلارنى، مىللىتىڭلارنى، مەدەنيەتلىرىڭلارنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش كېرەك. بۇنى بىر ۋەزىپە دەپ بىلىشى كېرەك. يىغىن - مۇراسىملارغا چوقۇم قاتنىشىڭلار، مەن كەلمىسەممۇ بولىدۇ، دەپ قاراش بەك خاتا ئىش، چۈنكى بىر كىم قاتناشىمىسمۇ يىغىن - مۇراسىملار ئېچىلىدۇ، ئۆتكۈزىلىدۇ. ئەمما قاتناشمىغان كىشى يىغىنغا قاتناشمىغانلىق، ئۇمۇمىدىن ئايرىلىپ قالغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بىز قاتناشمىساق بولمايدۇ، دېگەن قاراشقا كېلىش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان كىشىنىڭ يېنىغا پۇل كىرمەيدۇ، ئەمما مېھرى مۇھەببەتنى، قىزغىنلىقنى ۋە ئاڭ - سەۋىيەسىنى، ئىماننى كۈچەيتىدۇ. ئىمانى، ئاڭ - سەۋىيىسى، خىزمەتكە بولغان قىزغىنلىقى ئاشقان ئىنسان كىسەللىكتىن خالى بولغان بولىدۇ. بىز قىممەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىمىز، ھال - ئەھۋال سورىشىپ ئۇچرىشىپ تۇرىشىمىز كېرەك. مەن تۈركىيىدە 3 قېتىم پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ خىزمەت قىلدىم. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنى تونۇشقا ئوخشاش شەرەپكە مۇۋاپىق بولدۇم. بىز سىلەرنىڭ دەرد - ئەلەملىرىڭلارنى ھىس قىلىمىز. "بىر مۆمىننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە باشقا بىر مۇسۇلمان ئۇنىڭ ئازابىنى ھىس قىلمىسا قانداق مۆمىن مۇسۇلمان بولالايدۇ؟ قانداق ئىمان ئېيتقان بولىمىز؟ ئۇچرىشىپ سۆھبەتلىشىپ تۇرايلى، ھال - ئەھۋال ئېيتىشىپ، دەردلىرىمىزگە دەرمان بولايلى. ئۆز - ئارا مېھرى - شەپقەت ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتەيلى.

مۇقەددەر ئەپەندى سۆزىدە يەنە خىتايلارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار ئەمەس، بىز سىلەرنىڭ جېنىڭلارغا، مېلىڭلارغا كۆز تىكمىدۇق، ئەمما بىز، ئەي ئىنسانىيەت، ئەي رۇسلار، ئەي خىتايلار بىزگە زۇلۇم قىلماڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقلىرىنى راھەت ياشىغىلى قويۇڭلار، دەيمىز. بۇ بىر پەرياد، بۇ بىر نىدا، بۇ بىر دۇئادۇر. بۇ بىر ئىنسانىيەتنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرى، بۇ ئارزۇ ۋە تىلەكلەرگە، مەيلى خىتايلار بولسۇن مەيلى رۇسلار بولسۇن قۇلاق سېلىشى كېرەك. ئىنسانلارغا زۇلۇم ۋە بېسىم قىلىشنى توختىتىش كېرەك.

پائالىيەت جەرياندا يەنە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھايات ئىش - ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان مېھرى شەپقەت جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات ۋە مەدەنىيەت ئىشلار مەسئۇلى ئەكبەرجاننىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ناخشا تەقدىم قىلىندى. ئاخىرىدا يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى سۆز قىلىپ جەمئىيەتنىڭ غايە مەقسەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

بىز شەرقىي تۈركىستان مېھرى - شەپقەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن جەمئىيەت باشلىقى يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. يۈسۈپ يۈسۈپئوغلى ئەپەندى جەمئىيىتىنىڭ غايە - مەقسەتلىرىنى توغرىسىدا توختىلىپ، بىرلىك باراۋەرلىك ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىگە شۇنداقلا دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل تۈردە خىزمەت - پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.