مەزكۇر كىتابنىڭ خىتايدەك ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقان دۆلەتتە نەشر قىلىنىشى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر تەيۋەندە ياشاۋاتقان خىتاي يازغۇچىسى لىن باۋخۇا ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
لىن باۋخۇا: «شياڭگاڭ جۇڭۋېن ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇنىڭدىن باشقا خىتايغا قارشى «قىزىل قۇياش» دېگەندەك كىتابلارمۇ نەشىر قىلىنغان. شياڭگاڭدا كىتاب نەشر قىلىش،خىتاينىڭ باشقا يەرلىرىگە قارىغاندا كۆپ ئەركىن» دېدى.
مەزكۇر كىتاب جەمىي 332 بەت، ئون باپتىن تەركىپ تاپقان. كىتابقا خوجا نىياز ھاجىم، ئەخمەتجان قاسىم، ئىلىخان تۆرە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان رەھبەرلەرنىڭ ۋە قەھرىمانلارنىڭ سۈرەتلىرى كىرگۇزۇلگەن. ۋاڭ كې كىرىش سۆز قىسمىدا، ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىنىڭ 1995 - يىلى ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يازغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەينى چاغدا ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان ۋاڭ كېنىڭ ئەسىرىنىڭ ياپونلار ئارىسىدا بولغان تەسىرى توغرىسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام ماھمۇت ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.
ئاپتور ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىنى 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نامايىشتىن باشلىغان بولۇپ،نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانىنى 197 نەپەر كىشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ 134 نەپىرى خىتاي، 11 ى خۇيزۇ، بىر نەپىرى مانجۇ ئىكەنلىكىنى، يارىدار بولغان كىشىلەرنىڭ جەمىي ئىككى مىڭدىن ئوشۇق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەنى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئاپتور بۇندىن ئىلگىرىكى 1981 - يىلى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا خىتاي پۇقرالىرىدىن ئىككى كىشى ئۆلۈپ،267 نەپىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى،1997 - يىلى2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىلىدا يۈز بەرگەن نامايىشتا خىتاي پۇقراسىدىن يەتتە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئىلى رايونىدا خىتايلارغا قارشى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلغان:
«شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىنىڭ نىشانى شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھالدا دۆلەت قۇرۇشتۇر. 1933 - يىلى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى.لېكىن ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنىپ، پەقەتلا 85 كۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىدى. چۈنكى بۇ، مۇكەممەل دۆلەت كۈچى، سۈپىتى ۋە تەشكىللىنىش سىستېمىسى بولمىغان ھۆكۈمەت ئىدى. 1944 - يىلى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى يەنە قوزغالدى. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شىمالىي شىنجاڭدىكى ئىلىدا ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەشكىلى ۋە باشقا جەھەتتىن بولسۇن، مۇكەممەل قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت بولۇپ، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ۋاقتى بىرىنچى جۇمھۇرىيەتكە قارىغاندا ئۇزۇن بولدى. بۇ دەل فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادىكى تەسىرىمۇ زور بولدى. ئەمما، بۇ جۇمھۇرىيەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن مۇستەقىللىق نىشانىدىن يېنىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بايرىقى ئاستىدا قىلىشنى خالىدى. ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان قەشقەر بىلەن ئىلىدا شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ كۆپ بولۇشى، بۇ ئىككى رايون شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئۇرۇقى تېرىۋېتىلگەن تۇپراقلاردۇر.

ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ تارىخىي ئاتمىش يىلدىن ئاشىدۇ. ماۋ زېدۇڭ زامانىسىدا قىسمەن يوق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما 1980 - يىلىدن باشلاپ شەرقىي تۈركسىتان مۇستەقىلچىلىرى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. بەلكى بۇ ماۋ زېدۇڭدىن كېيىن سىياسەت يۈرگۈزگەنلەرنىڭ يۇمشاق قوللۇق سىياسىتىنىڭ خاتالىقى بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولۇشىغا، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارا ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشى،1990 - يىلىدىن باشلاپ سوۋېتنىڭ پارچىلىنىشى سەۋەب بولدى. ھەممىدىن بەكرەكى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قايتىدىن ئوت ئالدۇرغۇچى بولغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ 1989 - يىلى 10 - ئايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدۇر. يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى سەككىز مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ ھۆكۈم قىلغان.»

ئاپتور كىتابقا گەرچە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى دەپ نام بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۆز تارىخىدا قۇرغان جۇمھۇرىيەتلىرىنى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى دىنىي ئىنقىلاب، رادىكال مۇسۇلمانلارنىڭ قوزغىلىڭى دېگەندەك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە خاس چوڭ خىتاي مىللەتچىلىك ئىدىيىسىدىن خالى بولالمىغان.