2 - نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىش يىغىنى ئاخىرلاشتى

2010 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە يالوۋا شەھىرىدە 5 كۈن داۋام قىلغان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

0:00 / 0:00

يىغىندا لېكىسيە بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان تۈرك دوكتور، پروفېسسورلار ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەت - پائالىيەتلىرى ھەققىدە پىكىر - تەكلىپلەر سۇندى. يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، تىل، دىن، ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قانداق چارە - تەدبىرلەر قوللىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ ئۆز كىملىكىنى قوغداپ قېلىش مەسىلىسى ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا چارە - تەدبىر قوللىنىش ۋە كونكرېت ھەل قىلىش يوللىرىنى تېپىلىشىنىڭ ئورتاق تەلەپ قىلىنىشى سەۋەبىدىن، كىملىكنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟ دېگەن تېما گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ تېما ھەر قايسى گۇرۇپپىغا ئايرىلغان يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سەمىمىي ۋە جىددىي تۈستە مۇزاكىرە قىلىشى نەتىجىسىدە، ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە تەۋسىيىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

مۇزاكىرىدە كىملىك، بىر ئىنساننىڭ ئەسلىدە نەگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، ئىرقىي ۋە مىللىي يىلتىزىنىڭ نەگە تۇتىشىدىغانلىقى، دىنىي ئېتىقاد، ئۆرپ - ئادەت، تىل - يېزىق، پىكىر - چۈشەنچىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، مەلۇم قىممەت قارىشى، مەلۇم ئىپادە ۋە خاسلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئىسلام دىنىدا، ئۇيغۇر تىل - يېزىقىدا، ئۇيغۇر ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىدە ۋە توغۇلغان يۇرتى شەرقىي تۈركىستانلىق ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىنى ساقلاش ۋە ساپلاشتۇرۇش، كۈچلەندۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە بىر قانچە تۈرلۈك قارارلار ئېلىندى.

يىغىن ئاخىرىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى شۇنداقلا يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە بۇ قارارلار ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا قانچىلىك ئىجرا قىلىنغانلىقى ھەققىدە كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 3 - نۆۋەتلىك يىغىندا دوكلات سونۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ ئاخىرىقى ئىككى كۈنىدە ئىستانبۇلدىكى تارىخىي ئورۇنلارنى، موزىيلارنى زىيارەت قىلىش ۋە سەيلە - ساياھەت قىلىش پروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، چەتئەللەردىن كەلگەن مېھمانلار 7 - ئاينىڭ 12 - 13 - كۈنلىرى ئىستانبۇلنى سەيلە - ساياھەت ۋە زىيارەت قىلدى. چەتئەللەردىن كەلگەن يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلات مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلدى. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە باشقا دۆلەتلەردىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.