يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى ئىلغار ئالىپتېكىن رىياسەتچىلىك قىلدى. 5 سائەت داۋاملاشقان يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانى مۇزاكىرە قىلىنغاندىن باشقا، باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى قىلىندى. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىپى بابۇر خاتىپوغلۇنىڭ ئىستېپاسى قوبۇل قىلىنىپ ئورنىغا جېلىل تۇران سايلاندى. يىغىندا ھەر قايسى بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇللىرى بېكىتىلىپ ئۇلارغا خىزمەت تاپشۇرۇلدى.
يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى بىردەك، بۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن تەتقىقات ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ھەم پىكىر بولدى.
يىغىندا يەنە قانداق قارارلار ئېلىندى؟ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى ئىلغار ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.