4-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىدا ئاممىۋى تەشۋىقات، ئۇچۇر ئالاقە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى

4-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنى تۈركىيىنىڭ بولۇ شەھىرىنىڭ سۈننەت كۆلى بويىدىكى مېھمانخانىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىن بىر ھەپتە داۋام قىلىدىغان بولۇپ، يىغىننىڭ 2-كۈنى ئاساسلىقى ئاممىۋى تەشۋىقات، ئۇچۇر-ئالاقىنىڭ ئەھمىيىتى، ئاممىۋى تەشۋىقاتلارنى قانداق قوللىنىش كېرەك؟ دېگەن تېمىلاردا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

4-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 10-ئىيۇل، تۈركىيە.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە دۇنيانىڭ قايسى جايلىرىدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم دالا پروگراممىسى قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىنسان ئۆزىنىڭ روھىنى، جىسمىنى ۋە قەلبىنى پاكلاشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل يامان ئىشلاردىن قول ئۈزۈپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىلۋەت ماكاندا ئىبادەت قىلىش ۋە سۆھبەت قىلىش ئارقىلىق مەنىۋىيىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، «ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەشنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا، ئاممىۋى تەشۋىقات مۇتەخەسسىسى ئېلى ساغلام ئەپەندى، «ئاممىۋى تەشۋىقات، ئۇچۇر-ئالاقە دېگەن نېمە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟» دېگەن تېمىدا، بىلىم سەنئەت ۋەخپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، زۇلفىقار كۈرۈم ئەپەندى، «فېيسىبوك ۋە تىۋېتتىر دېگەن نېمە؟ فېيسىبوك ۋە تۋېتتىرنىڭ قوللىنىش ئۇسۇللىرى، فېيسىبوكتىن ئاممىۋى تەشكىلاتلار قانداق پايدىلىنىش كېرەك» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى ۋە ئېلى ساغلام ئەپەندى، فېيسىبوك ۋە تۋېتتىرنىڭ تېخنىكىلىق قوللىنىش ئۇسۇللىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق كۆرسەتتى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھالغا كەلگەن ئاممىۋى تەشۋىقات يەنى فېيسىبوك، تۋېتتىر، يۇتۇب، گۇگۇل ۋە بىلوگلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، خەلق ئاممىسىنىڭ ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قانداق قىلىپ بۇلاردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئاخباراتچىلىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىنغا قاتناشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم قارى ۋە ئازاد ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.