سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ يىغىندا ئوقۇپ ئۆتكەن ماقالىسى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشتى. سىراجىددىن ئەزىزى ماقالىسىنى ئەرەب تىلىدا تەييارلىغان، يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندا ئىكەنلىكىنى كۆرۇپ ماقالىسىنى ئۇيغۇر تىلىدا ئوقىدى، ماقالە ئەرەب تىلى، ئىنگىلىز تىلى ۋە تۈرك تىلىدا تەرجىمانلار ئارقىلىق ئاڭلىتىلدى.
يىغىندا سىراجىددىن ئەزىزى 'شەرقىي تۈركسىتان ھۆررىيەت ۋە مۇستەقىللىق يولىدا' دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان مۇستەقىل دۆلەتلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنسىتلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كېيىنكى باسقۇچلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سالاھىيىتىنىڭ خەتەر ئاستىدا قالغانلىقىنى، دىنىي تەلىم - تەربىيىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ۋە پىلانلىق توغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئىستراتېگىيىسى
سىراجىددىن ئەزىزى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەركىنلىكنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئىستىراتېگىيىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋەتەنلىرىدىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن بىر مىنۇتمۇ توختىماستىن، ئۈزلۈكسىز ھالدا كۆرەش قىلىپ كەلگەنلىكى، بۇ غايىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مۈلكى بولغان قان ۋە جېنىنى قۇربان قىلغانلىقى، 5 ـ - ئىيۇل قىرغىنچىلىقى بۇ قۇربان بېرىشلەرنىڭ ئەڭ يېقىنقى كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم.
ۋەتىنىمىز خىتاينىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن باشلاپ، ئەركىنلىكىمىزنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن بارلىق يول ۋە چارىلەردىن پايدىلىنىپ كەلدۇق. ئۈمىدسىزلىككە قەلبىمىزدىن ھېچقاچان ئورۇن بەرمىدۇق. خۇددى لېۋىيە قەھرىمانى ئۈمەر مۇختارنىڭ: «بىز ھېچ تەسلىم بولمايدىغان بىر مىللەت. يا ئۆلىمىز ياكى غەلىبە قىلىمىز» دېگىنىدەك، بۇ يولدا قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا باسىمىز. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بەزىلىرى: « قوراللىق كۆرەش قىلىمىز» دېسە، يەنە بەزىلىرى: « ۋەتىنىمىزنى تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىمىز» دېيىشىدۇ. مەنچە، بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلۇق. لېكىن بىز مەۋجۇد مەسىلىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ چىقىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە پىلانى تۈزۈپ چىقىشىمىز لازىم.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ۋاسىتىلەر
سىراجىددىن ئەزىزى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ۋاسىتىلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ھەق ـ ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا بولىدىغان تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە ۋاسىتە بار:
1. ئۆز ۋەتىنمىزدە مۇستەھكەم تۇرۇپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش.
2. خىتاينىڭ تۇغۇت چەكلەش ئارقىلىق پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقىتىش پىلانىغا قارشى كۆپ تۇغۇشنى تەشۋىق قىلىپ، نوپۇسىمىزنى كۆپەيتىش بىلەن قارشى تۇرۇش.
3. خىتايلارنى ئارىمىزغا ئالماسلىق ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزگە خىتاي يۆتكەپ چىقىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش.
4. خىتاينىڭ خەلقىمىزنى ئىلىمسىز قويۇش سىياسىتىگە قارشى پۈتۈن ساھەلەردە ئادەم ئوقۇتۇپ، ئالىي مەلۇماتلىق ئىنسان يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش.
5. پارچىلاش سىياسىتىگە سېپىمىزنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش.
6. ئىشتىن چىقىرىش سىياسىتىگە ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە كۆرەش قىلىش بىلەن قارشى تۇرۇش.
7. ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان ئىشپىيۇنلارنى تازىلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ جاسۇسلۇق سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش.
8. ۋەتىنىمىزنىڭ “شەرقىي تۈركىستان” دېگەن تارىخىي ئىسمىنى ساقلاپ قېلىشىمىز ۋە بۇ ئىسىمدىن قەتئىي ۋاز كەچمەسلىكىمىز كېرەك. چۈنكى ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيىلىك ئىسمى: “شەرقىي تۈركىستان”دۇر. ئەپسۇسكى، بەزىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن: “ئۇيغۇرىستان” ياكى “شىنجاڭ” دېگەن ئىسىملار باشقىلار تەرىپىدىن كىرىپ قالغان ياكى ئىشغالىيەتچىلەر تەرىپىدىن زورلاپ تېڭىلغان بولۇپ، بىز بۇ ئىسىملارنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايمىز. بۇ يەردە مۇھىم بىر مەسىلىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن: رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 1992 - يىلى “شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى” نامى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. كېيىن بەزى ھەرىكەتلەر بىلەن بىرلىشىش نەتىجىسىدە ئەسلى ئىسمى تامامەن ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. بۇ ئىستراتېگىلىك خاتالىقتۇر.
بۈيۈك خىتاي دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىنىڭ ئىشارەتلىرى
سىراجىددىن ئەزىزى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىقىلىدىغانلىقىنى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن نەقىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، تەيۋەن، مانجۇرىيە، ئىچكى موڭغۇلىيە، شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمىندىن ئىبارەت يەتتە دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى:
خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەنلەر، خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. خىتاينىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يىقىلىدىغانلىقىنى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ دېگىنىدەك پارچىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، تەيۋەن، مانجۇرىيە، ئىچكى مۇڭغۇلىيە، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندىن ئىبارەت يەتتە دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
بۇنىڭ ئىشارەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. خىتايدا ئىشسىزلىكنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە يامراپ كېتىشى. خىتايدىكى ئىشسىزلارنىڭ سانى 250 مىليون. بايلار بىلەن كەمبەغەللەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تەڭسىزلىك كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.
2. خىتايدا ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى، ئائىلە تۈزۈمىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە چوڭ - كىچىك ھەممە ئىشتا پارىخورلۇقنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىشى.
3. خىتاينىڭ ناچار ۋە تەقلىد ماللىرى دۇنيانى ئىشغال قىلىۋالدى. لېكىن كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاي ماللىرىدىن يۈز ئۆرۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ يېقىندا بولمىسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر قىلىشى ئېنىق. خىتاينىڭ زۇلۇم بىلەن ئىقتىساد ئۈستىگە قۇرۇلغان دۆلەت ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ئىقتىسادى ۋەيران بولسا، ئۆزىمۇ ۋەيران بولىدۇ. چۈنكى خىتايدا خىتاينىڭ كوممۇنىست سىياسىتىدىن نارازى بولۇپ ياشاۋاتقان بىر يېرىم مىلياد نوپۇس بار. خىتاي نوپۇسىنىڭ %80دىن كۆپرەكى ئىنتايىن يوقسۇل تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.
بىز ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى ئىلاھىي قانۇنلىرىغا ھەر قاچان ئىمان كەلتۈرىمىز. شۇنىڭدەك، بىز سەۋر قىلساق، غايىمىزگە يېتىش ئۈچۈن ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بىلەن خىزمەت قىلساق، ھامان بىر كۈن غەلىبە قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىمانىمىز كامىل. چۈنكى ئاللاھ تائالا: «ئى ئىمان ئېيتقانلار! نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن سەۋر قىلىڭلار، باشقىلارنىمۇ سەۋر قىلىشقا ئۈندەڭلار، ئاللاھ يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار ۋە ئاللاھتىن قورقۇڭلار!»، «پىرئەۋن يەر يۈزىدە تەكەببۇرلۇق قىلدى. خەلقىنى پارچە - پارچە بۆلۈۋەتتى. ئۇلاردىن بىر گۇرۇپپىنى ئاجىز كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قىز بالىلىرىنى تىرىك قويدى. ئۇ ھەقىقىي بۇزغۇنچىلاردىن ئىدى. بىز يەر يۈزىدە بوزەك قىلىنغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى رەھبەر، يەر يۈزىنىڭ مىراسچىلىرى ۋە ئىقتىدار ئىگىسى قىلىپ، پىرئەۋن، ھامان ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئەسكەرلىرى قورققان بۇ ئەمەلىيەتنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئىرادە قىلدۇق» دېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.