شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىقتىسادى بۆھراننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان، " شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىمىز " دەپ جار سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ
2010.03.25

خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭمۇ بىر - ئىككى كۈن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستانغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا يۇقىرىقى شوئارنى كانىيى يىرتىلغىچە توۋلاپ قايتىپ كەلگەن ئىدى.

ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ رىئال ۋەزىيىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرىقى شوئارىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كۆزىنى بۇياش ئۈچۈنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساختا شوئار ئىكەنلىكىنى ئوچۇقچە كۆرسىتىپ تۇرماقتا. مەسىلەن، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئېلان قىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بۇ يىلنىڭ 2 - ئېيىدا مال باھاسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى 4.1 پىرسەنتكە يىتىپ، پۈتۈن خىتاي بويىچە 2 - ئورۇنغا ئۆتكەن ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىنمۇ بىر ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ كەتكەن.

مەزكۇر خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مال باھاسىنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئاساسلىق ئامىل بولسا يېمەكلىك باھاسىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۆرلەپ كىتىشى بولۇپ،، بۇ يىل 2 - ئايدا شەرقىي تۈركىستان بويىچە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئىشىش سۈرئىتى 10.6 پىرسەنتكە يەتكەن ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سەۋىيىسىدىنمۇ 4.4 پىرسەنت يۇقىرى بولغان.

شەرقىي تۈركىستاندا يېمەكلىك باھاسىنىڭ بۇ دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلەپ كىتىشى، بۇ رايوندا جىددىي بىر تەڭسزلىك ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا.

باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، پەقەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 600 مىڭ توننىدىن كۆپرەك بولۇپ، خىتاي بويىچە ئاشلىقتا ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلەپ ئېشىنغان بىردىن - بىر رايوندىن ئىبارەت، بۇ ئاشلىقنىڭ 500 مىڭ توننىسىغا يېقىنراقى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدۇ.

يەنە مەسىلەن، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى چارۋا - ماللارنىڭ سانى 50 مىليون تۇياقتىن كۆپرەك بولۇپ، يەنە خىتاي بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ ۋە خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىنى قوي ۋە كالا گۆشى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ ئاساسلىق رايونلارنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.
ياغلىق دان ۋە قىزىلچا ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىمۇ يەنە خىتاينىڭ ئالدىدا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى يېزا - قىشلاقلاردا بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنىدىن ئىبارەت.
پەقەتلا يۇقىرىقى ئامىللارنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان رايونى يېمەكلىك باھاسى جەھەتتە خىتاي بويىچە ئەڭ ئەرزان رايونلارنىڭ بىرى بولۇشى لازىم ئىدى، ئەمما دەل ئەكسىچە بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىققان.

مال باھاسى، بولۇپمۇ يېمەكلىك باھاسى ئېشىپ كەتسە، ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغانلار ۋە ئاچ - يالىڭاچ قالىدىغانلار يەنىلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىدىن ئىبارەت.
چۈنكى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 2000 يۇەن ئەتراپىدا بولۇپ، پۈتۈن خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىنمۇ بىر ھەسسىگە يېقىن تۆۋەن تۇرماقتا.
مەسىلەن، شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن ھەر يىلى خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئىۋەتىلىدىغان ئۇيغۇر قىز - يىگىتلىرىنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 140 مىڭ نەپەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۇەنگىمۇ يەتمەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، 2009 - يىلى بىڭتۇەنلىك خىتاي دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 7400 يۇەنگە، خىتايلارنى ئاساس قىلغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 12 مىڭ 120 يۇەنگەيەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇنىڭدىن، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك خەلق ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادى جەھەتتە ناھايىتى زور پەرقنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا، < نامرات > دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەتلا جەنۇبتىكى ئاتۇش، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 3 ۋىلايەتتە ھۆكۈمەتنىڭ " تۆۋەن كاپالەت پۇلى" دەپ ئاتالغان ياردىمىگە تايىنىپ ھايات كەچۈرۈۋاتقان 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان بار.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بۇيىچە، ئادەتتە يىللىق كىرىمى 700 يۈەندىن تۆۋەن بولغان ئائىلىلەر، " تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە " دەپ ئاتىلىدۇ.
دېمەك، ھېچبىر سېتىۋېلىش كۈچى بولمىغان بۇ نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرى مال باھاسىنىڭ، بولۇپمۇ يېمەكلىك باھاسىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئۆرلەپ كىتىشىگە قانداقمۇ چىدىيالىسۇن ؟ ئۇلار كىرىم جەھەتتە ئۆزلىرىدىن بىر قانچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بازاردا قانداقمۇ رىقابەتلىشەلىسۇن ؟

ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا بۇنداق تەتۈر تاناسىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پۈتۈنلەي خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان تالان - تاراج قىلىش ۋە سۆمۈرۈش سىياسىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا قارىتا شەكلى ئۆزگەرگەن قۇللۇق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى پىلانلىق ئىشلەپچىقىرىشقا مەجبۇرلاپ كىلىۋاتقانلىقى، تېرىيدىغان مەھسۇلاتىنىڭ ۋە دۆلەتكە تاپشۇرىدىغان غەللە - پارىقىنىڭ مىقدارىنىڭ يىپ - يىڭنىسىغا قەدەر ئېنىق بىكىتىلگەنلىكى، بۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ ئېشىنچا مەھسۇلاتلىرىنى زاپاس ساقلاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى بىر ئەمەلىيەت.
بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان رايونىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر دېھقاننىڭ تېرىيدىغان يېرى، قىلىدىغان ئىشى يوق ئاتالمىش " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى " گە ئايلىنىپ قېلىشى، بۇ رايوندا جەريان قىلىۋاتقان ئادالەتسىزلىكنىڭ روشەن ئىپادىسىدىن ئىبارەت.

چۈنكى، تەبىئىي بايلىقلار ۋە زېمىن نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ھازىر شەرقىي تۈركىستان دۇنيادىكى ئەڭ باي رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، پەقەتلا نېفىت زاپاس مىقدارى پۈتۈن خىتاينىڭ نېفىت زاپاس مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىنى، تەبىئىي گاز بولسا 34 پىرسەنتىنى، كۆمۈر 40 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن " چوڭ غەربىي شىمالنى ئېچىش پىلانى" يولغا قويۇلغان 2000 - يىلىدىن بۇيان پەقەتلا يۇقىرىقى 3 خىل مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ھەسسە ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.