شىۋىتسىيە پارلامېنتى ئالدىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋىتسيە پارلامېنت بىناسى ئالدىدا بۈگۈن نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشقا شىۋىتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر دوستى شىۋىتلاردىن بولۇپ نۇرغۇن كىشى قاتناشقان. نامايىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئادىلجان ھېكىم باشچىلىقىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇرغا پاناھلىق بەرمەسلىك ۋە ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان.

0:00 / 0:00

يېقىندا شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئادىلجان ھېكىمگە شىۋىتسىيىدە پاناھلىق بەرمەسلىك ھەققىدىكى بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يېقىندا شىۋىتسىيىدە ئادىلجان ھېكىمدىن باشقا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، شىۋىتسىىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان شىۋىتسىيىلىكلەر بىرلىكتە شىۋىتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغان.

2009 - يىلى 19 - ماي، سائەت ئۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا شىۋىتسىيە پارلامېنت ئەزالىرى، يېشىللەر پارتىيىسىنىڭ بىر قانچە ئەزالىرى ۋە ئادۋوكات سىتىن ۋە شىۋىتسىيىدىكى تېلېۋىزىيە قانىلىدىن ت ۋ 4 قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخىسلەر قاتناشقان.

بۇ ھەقتە بىزگە شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى ئابدۇللا ئەخەت ئەپەندى مەلۇماتلار بەردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق شىۋىتسىيە خەلقىنى ئالداپ ئۇلاردا ئۇيغۇرلارغا بولغان خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋىتسىيىدىكى ئىشىنى تەسلەشتۈرۈشكە تىرىشۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

Shiwetsiye-parlament-namayish1-305
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 19 - ﻣﺎﻱ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Irade)

نامايىشقا يەنە شىۋىتسىيە پارلامېنتنىڭ ئەزاسى مەھمەت قاپلان ئەپەندىمۇ قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە، دۇنيادىكى ئېزىلىۋاتقان ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغان مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇلارنىڭ دەردىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلار بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلغان. پارلامېېنت ئەزاسى سۆزىنىڭ داۋامىدا شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

بۇلاردىن باشقا يەنە، يېشىللەر پارتىيىسىدىن زايدا خانىم ۋە شىۋىتسىيىدىكى داڭلىق ئادۋوكات ستىن ئەپەندىممۇ ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلغان. يەنە شىۋىتسىيىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان نىجات ئىسىملىك بىر ياشنىڭ تۇرۇش رۇخسىتىگىمۇ خىتاينىڭ پۇتلىكاشاڭ بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، نىجاتنىڭ ساۋاقداشلىرى ھەم ئۇ ئوقۇۋاتقان مەكتەپنىڭ مۇدىر - ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ نىجاتقا ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىشقا قاتناشقان ئىكەن.

نامايىش ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ بۇ ھەقتە نامايىشقا قاتناشقان مىنەۋەر خانىم بىزگە مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.