«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىغا باش سېكرېتار بولۇپ كەلگەن شى جىنپىڭ ئۆز سۆزىدە بىر قىسىم كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇققا بېرىلىپ، چىرىكلىشىپ خەلق ئاممىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بوينىغا ئالدى. ئۇ بەزى ۋەدىلەرنى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. دېموكراتىيە ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى ھېچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان ئەھۋالدا بېرىلگەن ۋەدىلەر ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇ، ھامان قۇرۇق سۆز بولۇپ قالىدۇ.
ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە باھا بېرىپ،« ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ئەھمىيىتى يوق، چۈنكى پۇقرالارنىڭ نەزىرىدە خىتاي كومپارتىيىسى جان-دىلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتى ئۈچۈن جان تالىشىۋاتقان پارتىيە» دېگەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى جاڭ جيادۇن شى جىنپىڭنىڭ كومپارتىيە تارىخىدىكى ئاخىرقى پادىشاھ بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى، كومپارتىيىنىڭ ھەر ۋاقىت يىمىرىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش ئىسلاھاتلىرىنىڭ ھەرگىزمۇ خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلىمەيدىغانلىقىنى، بەلكى بۇ ئاتالغۇنى ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ئېغىر كرىزىستىن چىقىۋېلىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى، پەقەت كومپارتىيە ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىلغاندىلا خىتاينىڭ ئىستىقبالى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ يۈكەينىڭ قارىشىچە، سىياسىي ئىسلاھات ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان مەناغا ئىگە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى سىياسىي ئىسلاھات غەربلىكلەرنىڭ نەزىرىدىكى سىياسىي ئىسلاھاتقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. غەرب دۆلەتلىرىدە كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش سىياسىي ئىسلاھاتنىڭ تۈپكى مەقسىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات لوغىتىدىن كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىك تۈزۈلمە دېگەن سۆزنى تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىسلاھات دېگىنى كوممۇنىستىك ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان.
شى جىنپىڭ ئۆز سۆزىدە گەرچە ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زىدۇڭ ئىدىيىسى، دىڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش دېگەنگە ئوخشاش ئادەمنى بىزار قىلىدىغان، قېلىپلاشقان ئىبارىلەرنى ئىشلەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش، دېگەن ئىبارىنى قوللانغانلىقى، ئۇنىڭ يەنىلا ساداقەتمەن بىر كوممۇنىزم مۇرىتى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىنى يۈلەپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقارغان بۇ چىرىكلەشكەن تۈزۈلمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى پۈتۈن مەملىكەت كرىزىسقا پېتىپ قالغان، ئەمەلدارلار تەبىقىسى بىلەن خەلق ئاممىسى ئارىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشكەن، ئىقتىساد چۈشكۈنلىشىشكە يۈزلەنگەن، باي-كەمبىغەللىك ھەمدە رايونلار ئارا پەرقلەر زورىيىۋاتقان، مىللەتلەر ئارا قارشىلىقلار كۈچىيىۋاتقان، خەلقنىڭ سىياسىي ئىسلاھات تەلىپى بارغانسېرى يۈكسىلىۋاتقان شارائىتتا، خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىرى يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىگە قارىتا ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلىپ بارمىسا، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە كوممۇنىستىك ھاكىمىيەت ئۈزۈل-كىسىل ئاغدۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.