شىمالىي كورىيە بۈگۈن، راكىتا بىلەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىنىقى مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شىمالىي كورىيە مەركىزى ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىمالىي كورىيە بۈگۈن قويۇپ بەرگەن يەر شارىنى كۆزىتىش سۈنئىي ھەمراھى بەلگىلىگەن ئوربىتىغا كىرەلمىگەن، بۇنىڭ سەۋەبىنى ھازىر شىمالىي كورىيە مۇتەخەسسىسلىرى جىددىي تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، شىمالىي كورىيە بۈگۈن )جۈمە كۈنى( ئەتىگەن سائەت 7 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاتقان راكىتا، بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە پارچىلىنىشقا باشلىغان، 150 كىلومېتېر ئېگىزلىككە يەتكەندە، ئۇ 20 نەچچە پارچىغا ئايلىنىپ، سېرىق دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ، ئەمەلىيەتتە «راكىتا» دەپ نېقاپلانغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، بۇ، ب د ت نىڭ 1718 - ۋە 1874 - نۇمۇرلۇق قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ جاكارلىغان.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرلىكى بولسا، شىمالىي كورىيە ئالەم بوشلۇقىغا ئاتقان ئۇچار جىسىم ياپونىيە تېررىتورىيىسىگە تەھدىت سالالمىدى، بەلكى قونداقتىن كۆتۈرۈلۈپلا پارچىلىنىشقا باشلاپ، بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە پارچىلىنىپ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتتى دەپ جاكارلىغان.
ب د ت باش كاتىبى بانكىمۇن شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى راكىتا سىنىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پىكىر بىرلىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نۇمۇسسىز ھەرىكەت، باشقا دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئىغۋاگەرچىلىك دەپ كۆرسەتكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئىتالىيە، كانادادىن ئىبارەت 8 سانائەتلەشكەن دۆلەت گۇرۇھى بۈگۈن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىينىڭ راكىتا بىلەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىنىقى ئېىلپ بارغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. شىمالىي كورىيىنىڭ دۆلەت مەبلىغىنى ئىسراپ قىلىپ، بەلكى خەلقىنى ئاچ قالدۇرۇپ بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتسىز سىناق ئېلىپ بارغانلىقىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەمما، خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ بىردىنبىر ئىتتىپاقدىشى بولغان شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق راكىتا سىناق قىلىشىغا سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ؛ يىللاردىن بۇيان ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىنى ئەيىبلىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئەمما جازالىشىنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي بۇ قېتىممۇ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئارقىلىق ئۆزىنى شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق راكىتا سىنىقىدىن قىلچە «خەۋىرى يوق» قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ، بەلكى پۈتۈن دۇنيانى، شىمالىي كورىيىگە بولغان غەزىپىنى بېسىۋېلىشقا ئىندەۋاتىدۇ.
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىنىقى، پرېزىدېنتلىق ئاتىسىدىن مىراس قالغان كىم يوڭئۇن ئۆزىنىڭ ئابرويىنى تىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سىناق. گەرچە بۇ سىناق مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ، بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تېخىمۇ خەتەرلىك سىناقلارنى كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.
نيۇيوركتا چىقىدىغان «كۈندۈلۈك خەۋەر» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىنىقى، كىم ئېرسىننىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى باھانە قىلىپ، نەۋرىسى كىم يوڭئۇننىڭ ئابرويىنى تىكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سىناق. ئەپسۇسكى، بۇ سىناق مەغلۇپ بولدى. ھالبۇكى، شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇنخا3 - بەلگىلىك بۇ راكىتاسى قونداقتىن ئېتىلىپ 90 سىكۇنت ئىچىدە پارچىلىنىپ دېڭىزغا چۈشۈشكە باشلىغان. زۆرۈر تېپىلسا، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ راكىتاسىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاللىقاچان تەييارلىق كۆرۈپ قويغان ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرنىڭ بۇنىڭغا ھەرىكەت قوللىنىشىغىمۇ سەۋەب تېپىلمىغان.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى موسكۋادىن ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋۇرۇف بۈگۈن شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇزۇن مۇساپىلىق راكىتا سىناق قىلغانلىقىنى، ئالەم بوشلۇقىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىزدەنگەنلىك دەپ چۈشەندۈرگەن ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىش ھوقۇقى بار، دەپ جاكارلىغان. خىتاي، ھىنىدىستانلارمۇ بۇ كۆز قاراشنى قوللىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھېللارىي كىلىنتون شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش سىنىقى ھەققىدىكى باياناتىدا، بۇ ئەمەلىيەتتە راكىتا دەپ نېقاپلانغان ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، ئەگەر پىنيوڭ ھۈكۈمىتى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىنى كۆزگە ئىلماي، كەلگۈسى بەش كۈن ئىچىدە يەنە مۇشۇنداق سىناق ئېلىپ بارسا، ب د ت جىددىي تەدبىر قوللىنىشى لازىم دەپ كۆرسەتكەن.