خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى بىلەن باشلاندى

خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى رەسمىي باشلاندى. 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدە خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۇرغان خىلتون مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

نامايىشقا ئىستانبۇل ۋە قەيسەرىدىن مەخسۇس ئاپتوبۇسلار بىلەن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. شى جىنپىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ خاتىرە سارىيىغا گۈل چەمبىرەك قويۇش ئۈچۈن مېھمانخانىدىن چىقىپ، ماشىنىسى بىلەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا قولىدا كۆك بايراق ۋە تۈركىيىنىڭ ئاييۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇرلار ھەم تۈركلەر «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇمايمىز! خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىڭنى توختات!»، «يا ئاللاھ! بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار ئاستىدا شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى يىرتىش، خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

shi-jinping-turkiye-namayish-385.jpg
نامايىشچىلار خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۇرغان خىلتون مېھمانخانىغا قاراپ ماڭماقتا. 2012-يىلى 21-فېۋرال، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

نامايىش ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە مەسئۇللىرىدىن ھافىز قاراقاش ئەپەندى ھەم شەرقىي تۈركىستان شارلار تەشكىلاتى باشلىقى تۇرغۇت بايقال ئەپەندىلەر نامايىشچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

باياناتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى بايان قىلىنغان. بىر سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان نامايىش خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مېھمانخانىدىن ئايرىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

شى جىنپىڭ ئەنقەرەدە تۈركىيە پارلامېنت باشلىقى جېمىل چېچەك ۋە تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا قاراپ يولغا چىقتى.

خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-خىتاي ئىقتىساد مۇنبىرى ماۋزۇلۇق يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن تۈركىيىدىن ئايرىلماقچى.