ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 25-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشكىللىگەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا ئىشچى قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋە ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى 66 خۇسۇسىي كارخانىنىڭ جەنۇبتىن ئىشچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، پىلان بويىچە مەزكۇر 66 كارخانا 102 خىزمەت تۈرى بويىچە جەنۇبتىن 13 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى قوبۇل قىلىدىكەن. خەلق تۆرىدىكى بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە، نۆۋەتتە دەسلەپكى قەدەمدە قەشقەردىن 2346، قىزىلسۇدىن 2179 كىشى شىمالدىن كەلگەن 66 كارخانا بىلەن توختام تۈزگەنلىكى، يەنە كۆپ ساندىكى ئەمگەك كۈچلىرى نۆۋەت كۈتۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
بىزنىڭ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، ھازىر قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدە يېزا كادىرلىرى يېزىدىكى ياشلارنى شىمالغا ئىشچىلىققا بېرىشقا ھەيدەۋاتقان بولۇپ، قەشقەردىكى مەلۇم ناھىيىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن، ھازىر بۇ ناھىيىلەردىكى يېزا كادىرلىرىنىڭ شىخەنزىدىكى توقۇمىچىلىق فابرىكىسىغا ئىشچى ئېلىش ئۈچۈن ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۇندىن ئىلگىرى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش» سىياسىتى بويىچە نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكىگەن بولۇپ، بۇنىڭدا مەجبۇرلاش خاراكتېرى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. دائىرىلەر كېيىن بۇ سىياسىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ياش ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىگەن. ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى زاۋۇت-فابرىكىلاردا بولسا خىتايلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە ئىش پۇرسىتى بېرەلمەسلىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا قاتتىق نارازىلىق پەيدا قىلىۋاتماقتا ئىدى.
ئىككى يىل ئىلگىرى شاۋگۈئەن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ۋەقەنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋاقتىدا ۋە ئادىل بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە، بۇ 5-ئىيۇل نارازىلىق نامايىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى باستۇرۇپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ، «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتى» نى توختاتمىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سېلىش ۋە ياردەم بېرىش نامى ئاستىدا كۆپلەپ كۆچمەن يۆتكىگەننىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئىشسىز ياشلارنى ئىچكىرىدە تەربىيىلەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت-شەھەر ۋە يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئىشسىز تۇرغان ياشلارنى ئىچكىرىدىكى 19 ئۆلكىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىشكە كىرىشتى. قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر كىشى بىزگە بۇ ھەقتە ئۆز يېزىسىدا بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنى مۇنداق ئىنكاس قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ئىشچى يۆتكەش سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرە مەزگىلى يېتىپ كېلىۋاتقاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدە، جەنۇبتىن شىمالغا خىزمەتچى قوبۇل قىلىپ، يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىنىڭ مەلۇم ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدا قەشقەردىكى مەلۇم ناھىيىدىن بىزگە ئەھۋال ئىنكاس قىلغان كىشى بولسا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا يۆتكەش سىياسىتىگە بولغان ئۆز كۆز قارىشىنى مۇنداق ئىنكاس قىلدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەمۇرىي ئورگانلار، كارخانا ۋە زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلەيدىغان خىتايلارنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئىزچىل تۆۋەن بولۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئانالىزچىلار ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۈچۈنمۇ زور ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.