شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى تىنچلىقپەرۋەر ياپونلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئويغاتتى

شىمالىي كورىيە 5‏ - ئاينىڭ 25‏ - كۈنى يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ باردى. بۇ، شىمالىي كورىيىنىڭ 2006 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىملىق يادرو سىنىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى، دۇنيانىڭ يىللاردىن بۇيان كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا قارىتا قىلىنغان رېقابەت دەپ قارىدى ۋە شىمالىي كورىيىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-05-26
Share
Koriye-bomba-atom-sinaq-305 ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ 5‏ - ﻳﺎﻧﯟﺍﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺭﺍﻛﯧﺘﺎ ﺳﯩﻨﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت بىردەكلا شىمالىي كورىيە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 1718 ‏ - نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ قارىدى.

جەنۇبىي كورىيىنىڭ باياناتى

جەنۇبىي كورىيە بايانات ئېلان قىلىپ 'شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقى كورىيە يېرىم ئارىلىغىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي شىمالى ئاسىيا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەرگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سالغانلىقى، خەلقئارانىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشىغا قىلغان رېقابىتى، بۇنداق ئىغۋاگەرچىلىككە قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ' دەپ جاكارلىدى.

خىتاينىڭ باياناتى

خىتاي بايانات ئېلان قىلىپ 'شىمالىي كورىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆزگە ئىلمەي، يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز' دەپ جاكارلىدى.

رۇسىيىنىڭ باياناتى

رۇسىيە بايانات ئېلان قىلىپ ، شىمالىي كورىيىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەينى رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشقا ، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىدىغان قوراللارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ۋە ب د ت نىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكىنىڭ باياناتى

ئامېرىكا بايانات ئېلىپ قىلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق، ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايلا خەلقئارا جەمئىيەتكە رېقابەت قىلغانلىق ' دەپ جاكارلىدى.

ياپونىيىنىڭ باياناتى

ياپونىيە بايانات ئېلان قىلىپ ' شىمالىي كورىيىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز دە ئۇنى قەتئىي ئەيىبلەيمىز' دەپ جاكارلىدى.

توكيودا چىقىدىغان 'يومىيورى گېزىتى' بۈگۈن يەنە بىر باش ماقالە ئېلان قىلىپ ' شىمالىي كورىيىنىڭ 4 ‏ - ئاينىڭ 5 ‏ - كۈنى ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنى بىر قېتىم سەگەكلەشتۈرگەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقى ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى، شىمالىي كورىيە ئەمدى بۇ ھەرىكىتىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆرىدۇ' دەپ كۆرسەتتى.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇتنىڭ مۇلاھىزىسى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ھازىر ياپونىيىنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقان ئىلھام ماخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە يادرو سىنىقى ، ياپون خەلقىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى قاتتىق زەربىگە ئۇچراتتى.

ئىلھام ماخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ياپونلاردا ئۆز دۆلىتىنى قوغداش ئېڭى ئويغاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم سىنىاقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ، ياپونلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت