بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت بىردەكلا شىمالىي كورىيە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 1718 - نومۇرلۇق قارارىغا خىلاپلىق قىلدى، دەپ قارىدى.
جەنۇبىي كورىيىنىڭ باياناتى
جەنۇبىي كورىيە بايانات ئېلان قىلىپ 'شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقى كورىيە يېرىم ئارىلىغىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي شىمالى ئاسىيا، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر دۆلەتلەرگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سالغانلىقى، خەلقئارانىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشىغا قىلغان رېقابىتى، بۇنداق ئىغۋاگەرچىلىككە قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ' دەپ جاكارلىدى.
خىتاينىڭ باياناتى
خىتاي بايانات ئېلان قىلىپ 'شىمالىي كورىيىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆزگە ئىلمەي، يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز' دەپ جاكارلىدى.
رۇسىيىنىڭ باياناتى
رۇسىيە بايانات ئېلان قىلىپ ، شىمالىي كورىيىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەينى رايوندا مۇقىملىقنى ساقلاشقا ، كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق قىلىدىغان قوراللارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا ۋە ب د ت نىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
ئامېرىكىنىڭ باياناتى
ئامېرىكا بايانات ئېلىپ قىلىپ، شىمالىي كورىيىنىڭ يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق، ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمايلا خەلقئارا جەمئىيەتكە رېقابەت قىلغانلىق ' دەپ جاكارلىدى.
ياپونىيىنىڭ باياناتى
ياپونىيە بايانات ئېلان قىلىپ ' شىمالىي كورىيىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز دە ئۇنى قەتئىي ئەيىبلەيمىز' دەپ جاكارلىدى.
توكيودا چىقىدىغان 'يومىيورى گېزىتى' بۈگۈن يەنە بىر باش ماقالە ئېلان قىلىپ ' شىمالىي كورىيىنىڭ 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنى بىر قېتىم سەگەكلەشتۈرگەن ئىدى، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو سىنىقى ئۇنىڭ نىيىتىنىڭ يامانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى، شىمالىي كورىيە ئەمدى بۇ ھەرىكىتىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى كۆرىدۇ' دەپ كۆرسەتتى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماخمۇتنىڭ مۇلاھىزىسى
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ھازىر ياپونىيىنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقان ئىلھام ماخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە يادرو سىنىقى ، ياپون خەلقىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى قاتتىق زەربىگە ئۇچراتتى.
ئىلھام ماخمۇت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ياپونلاردا ئۆز دۆلىتىنى قوغداش ئېڭى ئويغاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئاتوم سىنىاقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرىمۇ، ياپونلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئويغىنىشىغا تەسىر كۆرسەتتى.