شىمالىي كورىيە ئەمدى يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرەمدۇ؟

'چونەن' بەلگىلىك ھەربىي پاراخوت ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە خەلقئارادىن شىمالىي كورىيىگە جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. شىمالىي كورىيە ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. خەلقئارادا ھازىر 'شىمالىي كورىيە ئەمدى يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرەمدۇ؟' دېگەن تېمىدا مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010  - ﻳﯩﻠﻰ 27 - ﻣﺎﻱ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻣﺎﻧﯧﯟﯦﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 27 - ﻣﺎﻱ، ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻣﺎﻧﯧﯟﯦﺮ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ب ب س بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىنىڭ 'چونەن' بەلگىلىك ھەربىي پاراخوتى چۆكۈرۈلگەن ۋەقە ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان خەلقئارالىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە ئۇرۇش ھالىتىگە كىردى. جەنۇبىي كورىيە خەلقئارا جەمئىيەتتىن شىمالىي كورىيىگە بىرلىكتە جازا قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىگە جازا قوللىنىش قارارىنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە 'شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتىمىزنى چۆكۈرىۋەتكەنلىكى ئوچۇق -ئاشكارا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق' دەپ جاكارلىدى. شىمالىي كورىيە بولسا 'يادرو قوراللىرىمىز كۆرگەزمىگە تىزىپ قويۇلغان سەنئەت بۇيۇمى ئەمەس' دەپ جاكارلىدى. ئىككى كورىيە مۇناسىۋىتىدە جىددىيلىك يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيە بۇ رايوندا ھەربىي مەشق ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، ئىككى كورىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان جىددىيلىككە قارىتا يەنىلا مۈجىمەل ئىنكاس قايتۇرماقتا. گەرچە ئۇ، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدىكى يەكۈننى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىنى جازالاش قارارىنى سۇسلاشتۇرۇپ، شىمالىي كورىيىنى 'قوغداپ ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈش' ئۈچۈن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك، مەسىلىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك، دېگەندەك گەپلەرنى تەكرارلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

'بوشۈن تور گېزىتى'، 'سۇمرۇق تېلېۋىزىيىسى'، 'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى' قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان 'شىمالىي كورىيە ئەمدى يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيىنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرەمدۇ؟' دېگەن تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ.

بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە 1950 - يىلى 'دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش' دېگەن نام بىلەن جەنۇبىي كورىيىگە قارىتا ئۇرۇش قوزغىغان ئىدى. ئۈچ يىل داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇشتا بىر مىليوندىن ئارتۇق خەلق ئۆلدى. جەنۇبىي كورىيىنىڭ 140 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى. شىمالىي كورىيىنى قوللاش ئۈچۈن خىتاي ئەۋەتكەن پىدائىي قىسىملاردىن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ئۆلدى. شىمالىي كورىيە بىلەن جەنوبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن كورىيىگە كىرگەن ب د ت قىسىملىرىنىڭ 36 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى. ئەمما بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، ئىككى كورىيىنىڭ ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق يېڭىلىق پەيدا بولمىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، تا ھازىرغا قەدەر، خەلقنى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاچ - يالاڭاچلىقتا قالدۇرۇپ كېلىۋاتقان شىمالىي كورىيە، ئىقتىسادنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، خەلقىنى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن جەنۇبىي كورىيىگە قارىتا ئۇرۇش قىلىش نىيىتىدىن يانمىدى. خىتاي بىلەن رۇسىيىمۇ شىمالىي كورىيىنى قوللاشنى توختاتمىدى. شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىك پەسەيمىدى. توغرىسىنى ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ رايونغا قوللانغان 'مۇقىملىقنى ساقلاش' سىياسىتى ئاقمىدى.

بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە يېقىندا يەنە خەتەرلىك يولغا قەدەم باسماقتا. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، 1950 - يىلى شىمالىي كورىيە تەرىپىدىن ئۇرۇشقا سۆرەپ كېرىپ، ئۆزىنى تىنچ تەرەققى قىلدۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان خىتاي ئۈچۈن ھازىر تاللىۋالىدىغان ئۈچ يول بار. ئۇنىڭ بىرى، جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرەپتە تۇرۇپ، شىمالىي كورىيىگە جازا قوللىنىش. بۇ، شىمالىي كورىيىنىڭ گۇمران بولۇشىنى تېزلىتىشى مۇمكىن، ئەمما خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

ئىككىنچىسى، ب د ت نىڭ شىمالىي كورىيىنى جازالاش قارارىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، شىمالىي كورىيىدىن ئىبارەت بۇنداق مىراسخور سىياسىي لۈكچەكلەر ھاكىمىيىتىگە يان بېسىش. بۇ، خەلقئارادا خىتاينىڭ ئوبرازىنى سەلبىيلەشتۈرىدۇ، دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. خىتايغا دۆلەت ئىچىدىمۇ خەلقىنىڭ نارازىلىقى ئېشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز -ئۆزىدىن تارمار بولۇشىنى تېزلىتىدۇ.

ئۈچىنچى، داۋاملىق مۇجىمەل گەپ قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى دىلغۇلا قىلىپ، ب د ت نىڭ جازا قوللىنىش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش. ئەمما بۇ، شىمالىي كورىيىنى ئىچكى زىددىيەتلەردىن ۋە ھەرخىل كرىزىسلەردىن ساقلاپ قالالمايدۇ. شىمالىي كورىيە بۇنداق شەكىلدە گۇمران بولسا، خىتاي دۇنيادا ئەخلاقىي جەھەتتىن چوڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت