ئۇيغۇر مەسىلىسى شىمالىي ياۋروپا ئىسلام مۇھاكىمە مۇنبىرىدىن ئورۇن ئالدى

يەكشەنبە كۈنىدىن تارتىپ ستوكھولىمدا داۋاملىشىۋاتقان شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ 32 - نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلان
2012.12.25
shimaliy-yawrupa-islam-muhakime-yighini-uyghur-305.png شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ 32 - نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Qutlan


بۇ نۆۋەتلىك ئىسلام مۇھاكىمە يىغىنىغا شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتناشتى. 23 - دېكابىر (يەكشەنبە) چۈشتىن ئاۋۋال شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەكىللەر بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پارلامېنت ئەزاسى، يېشىللار پارتىيىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى مەھمەت قاپلان ئەپەندى شىۋېتسىيە پارلامېنتى ھەمدە «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى» گە ۋاكالىتەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى كۈتىۋالدى. ئۇ ئالدى بىلەن باشلىنىش نۇتقى سۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئەھۋالى شۇنىڭدەك شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا «شىۋېتسىيە ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ۋە بۇنىڭ رېئال ئەھمىيىتى توغرىلىق تەپسىلىي مەلۇماتلار بەردى.

ئاندىن تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابلىكىمخان مەخسۇم، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن تەكلىپ قىلىنغان دوكتور ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانى ھەمدە ياۋروپا ئەللىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋاللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشى ھەققىدە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ 32 - نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى ستوكھولىم شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئوسا گىمنازىيىسىنىڭ يىغىن زالىدا رەسمىي باشلاندى. يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىلا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن تەكلىپ قىلىنغان دوكتور ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە تەپسىلىي مەلۇماتلار ئاڭلىتىپ ئۆتتى. ئۇ ماقالىسىنى باشلاشتىن بۇرۇن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى 11 مىنۇتلۇق مەخسۇس فىلىم قويۇلدى ھەمدە يىغىن ئەھلى ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى.

دوكتۇر ئابدۇللا ئالىم تۈركىستانى ئۆز نۇتقىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىنكى ئېچىنىشلىق رېئاللىقى شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاڭلاتتى.

شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ 32 - نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن يىغىن مەيدانىدا يەنە كۆرگەزمە تەسىس قىلىندى. كۆرگەزمە زالىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن بېرىلدى. شىۋەتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان كىتاب - ماتېرىياللارنى كۆرگەزمىگە قويدى. بۇ ھەقتە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن ئابدۇللا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر تېمىسىنىڭ شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ يىللىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا 4 - قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ يىللىق ئىسلام مۇھاكىمە يىغىنىغا شىۋېتسىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ 30 غا يېقىن ئۇيغۇر ۋەكىل قاتناشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.