'شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى'دا ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ تەسىراتلىرى (2)

يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە مەخسۇس "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتۇشقا كىرىشكەن.

ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻤﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻤﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯚﺯ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. (Youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.)

0:00 / 0:00

ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. ھەتتا، بۇ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇماقتا.

بىز ھازىر ياۋروپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە ئوقۇۋاتقان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، ئىلگىرى ئىچكىرىدىكى ئەنە شۇ "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى"دا ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر قىزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.