ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ (1)

ئۇيغۇر ئېلى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا مۇرەككەپ تارىخىي جەريانلارنى باشتىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى دۇنيانىڭ مۇھىم قۇدرەتلىك كۈچلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ كۈرەشلەردە مۇھىم رول ئويناپ، بۇ دىيارنى ئۆزىنىڭ تۈرلۈك تەسىرى ئاستىدا تۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئۇنداقتا، بۇ مەزگىلدە قۇدرەتلىك دۆلەتلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە قانداق ئېلىشتى؟

0:00 / 0:00

تارىخ پروگراممامىز بويىچە بۇ ھەقتە سىلەر ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ تەييارلىشىدا رۇس مۇتەخەسسىسى، ۋاجىم ئوبۇخوف يازغان " ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ " ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئاڭلايسىلەر.

چوڭ ئويۇن

19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ، تاكى 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە بولغان بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلى دۇنيانىڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىنىڭ بىر مەيدان ھەربىي - سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك كۈرەشلىرىنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسىغا ئايلاندى. 19 - 20 - ئەسىردىكى بۇ كۈرەشلەر غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۇلۇغ بېرىتانىيە، چار رۇسىيە، مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى قاتارلىق قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ مەركىزىي ياۋروپا ئاسىيا ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بىر مەيدان كۈرەشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان " چوڭ ئويۇن" لار كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈپلا قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇر دىيارىنى قۇدرەتلىك كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلەرنى مەقسەت قىلغان چوڭ ئويۇنلار ئوينىلىدىغان شاھمات تاختىسى دەپمۇ ئاتىدى.

ئۇنداقتا، مەزكۇر شاخمات تاختىسىدىكى ئويۇنلارغا كىملەر ئىشتىراك قىلدى؟ ۋە كىملەر غەلىبە قىلدى؟ كىملەر مەغلۇپ بولدى؟ دېگەن سوئالنىڭ قويۇلۇشى مۇقەررەر. بۇ سوئالغا قازاقىستانلىق رۇس ژۇرنالىستى ۋادىم ئوبۇخوف جاۋاب بېرىشكە تىرىشقان بولۇپ، ئۇ 2007 - يىلى موسكۋادىكى "ۋېچە" نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللار ئىزدىنىشلىرى ئاساسىدا يازغان " ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ" ماۋزۇلۇق چوڭ ھەجىملىك كىتابىنى نەشىر قىلدۇردى.

بۇ ئالتە ئىمپېرىيە قايسى؟

ئاپتورنىڭ نەزەرگە ئالغان ئالتە ئىمپېرىيە قايسى دېگەن سوئالنىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي. مەزكۇر رۇس ئاپتورىنىڭ نەزىرىدىكى ئالتە ئىمپېرىيە رۇسىيە، بېرىتانىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، خىتاي، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، قىزىق يېرى ئۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى بۇ قاتارغا كىرگۈزمىگەن. ئاپتورنىڭ ھېچ بولمىغاندا، نېمە سەۋەبتىن ياقۇپ دەۋرىدە شۇنچە مۇھىم رول ئوينىغان ھەتتا قەشقەر خانى ياقۇپ بەگ ئۆزىنى تەۋە دەپ ئېلان قىلغان ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى بۇ قاتارغا كىرگۈزمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. چۈنكى، ئاپتور كىتابىدا ئاساسىي دىققەتنى 20 - ئەسىرگە قاراتقان بولۇپ، ئۇ 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، دۇنيا ۋەزىيىتى ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىپادىلىرىنى يورۇتۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن.

ئاساسىي تېما 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى

رۇس ئاپتورى ۋادىم ئوبۇخوۋ ئۆزىنىڭ مەزكۇر تارىخىي بايان خاراكتېرلىق ئەسىرىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېلىپ بارغان مىللىي مۇستەقىللىق قوزغىلاڭلىرى ۋە قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى شۇنىڭدەك بۇ دەۋردىكى سىياسىي تارىختا رۇسىيە كۆچمەنلىرى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوينىغان رولى ھەم باشقا مەسىلىلەر يورۇتۇلغان.

ئاپتور ئەسەردە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرلىق بولۇپ كەلگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاشقا تىرىشقان، ۋادىم ئوبۇخوۋ كىتابىدا 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، خىتاي، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە بىر مەيدان يوشۇرۇن ھەم ئاشكارە كۈرەش ئېلىپ بارغانلىقى، بۇ كۈرەشلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر خىل ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، غالىپ چىقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنى نامدا خىتاينىڭ تەۋەسىدە قالدۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى ئۆزىنىڭ ھەربىي - سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەسىرى ئاستىدا تۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ كىتابىدىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، ئۇنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى پاش بولغان كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە سوۋىت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سىرلىق تۈس ئالغان ھەمدە ئىدېئولوگىيىلىك سەۋەب تۈپەيلىدىن سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ تاقاق سېلىۋەتكەن مەسىلىلەرنى يورۇتۇشقا ئىنتىلىشىدۇر. ئاپتور بۇ مەسىلىلەردە خېلى كوپ ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مۇۋەپپەق بولغان.

كىتابنىڭ تۈزۈلمىسى

رۇس تىلىدا يېزىلغان مەزكۇر كىتاب 510 بەت بولۇپ، مەزكۇر ئەسەر " ئىككى ئىمپېرىيىنىڭ چوڭ ئويۇنى"، " شىنجاڭدىكى ئاق قۇياش"، " كىم شىنجاڭنىڭ خوجايىنى؟"، " خەلق قوراللىق قوزغىلىڭىنى باشلاش"،" " ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىشىشى"، " بامبۇك پەردىلەر ئارقىسىدا" دېگەن ماۋزۇلار ئاستىدىكى ئالتە بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان ھەمدە كىتاب ئاخىرىدا پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىملىكى بېرىلگەن بولۇپ، كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئاپتورنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيال مەنبەسى رۇس تىلى بولغان. مەزكۇر ئالتە بۆلەك بىر قانچە ئونلىغان قىسىملار ۋە پاراگراپلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، كىتاب تارىخىي پاكىتلار ۋە ۋەقەلەرنى ئاممىباب يوسۇندا بايان قىلىش ئۇسۇلىدا يېزىلغان.

مەزكۇر كىتابنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنىڭدا چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن رازۋېتكا خادىملىرى ۋە رازۋېتكا ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىنىڭ سۈرەتلىرى بېرىلگەن.

ئاپتور كىتابنى ئۆزىنىڭ كونا سۆھبەتدېشى، 20 - يىللاردا رۇسىيىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ بارغان ئاق رۇسلارنىڭ ئەۋلادى ھەمدە 40 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابقا قاتنىشىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ شىمالىي يۆنىلىش قىسىملىرىدا خىزمەت قىلغان، كېيىن قازاقىستاندا ئۆلگەن رۇس ئوفىتسېر نىكىفور ستۇدېنكوۋقا بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇ كىتابنىڭ بېشىدىلا مۇنداق دەپ يازغان.

" مەن بۇ ئەسىرىمنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مايورى نىكىفور ستۇدېنكوۋنىڭ نۇرلۇق خاتىرىسىگە بېغىشلايمەن."