" ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ " (2)

20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجراتتى ھەم تىرىشتى.

ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئاتوم قورالىغا ئىگە بولۇش ۋەزىيەتنىڭ تەقاززاسىغا ئايلانغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا مەزكۇر قورالغا ئىگە بولۇش قەدىمى تېزلەتتى. مەزكۇر قورالنىڭ ئالدى بىلەن كىمنىڭ قولىدا بولۇشى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە تەرتىپىنى بەلگىلەشتىكى ئۈستۈنلۈككە باغلىنىشلىق مەسىلە ئىدى.

1940 - يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى مەزكۇر مەسىلە بويىچە يىغىن چاقىرغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق ئىچكى ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى لاۋرېنتى بېرىيا دوكلات بېرىپ، ئەنگىلىيىنىڭ مەزكۇر قورالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇران پىلانى تۈزگەنلىكى ، ئامېرىكىنىڭ بولسا ئاتوم بومبىسىنى ياساشقا جىددىي تۇتۇش قىلىۋاتقانلىقىنى رازۋېتكا ئارقىلىق ئىگىلىگەنلىكىنى مەلۇم قىلغان.

نەتىجىدە، 1940 - يىلى 26 - ئۆكتەبىردە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىسسارلىرى كېڭىشى " شىنجاڭدا كەم ئۇچرايدىغان يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەش ھەم قېزىش " دەپ ئاتالغان بىر قارارنى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر قارار "مۇتلەق مەخپىي" دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە رۇسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانىسىدىكى "ستالىننىڭ ئالاھىدە پاپكىسى" دا ساقلانغان بولۇپ، ھازىر مەزكۇر ھۆججەت تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئېچىلغان.

قازاقىستانلىق تارىخچى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ " ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى ، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ" ماۋزۇلۇق يېقىندا ئېلان قىلىنغان كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى ستالىننىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 1941 - يىلىدىن 1943 - يىللىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىدا ئاتوم بومبىسى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇران قاتارلىق كەم ئۇچرايدىغان رادىئوئاكتىپ ماددىلارنى ئىزدەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ھەم ئۇنىڭ مەنبەلىرىنى تاپقان بولۇپ، 1944 - يىلى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تاكى 1949 - يىلىغىچە بۇ جايدا ئۇران قېزىشقا مۇۋەپپەق بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ تەپسىلى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلايسىز.