" ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ" (3)

قازاقىستانلىق رۇس تارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئالتە ئىمپېرىيىنىڭ ئېلىشىشى، شىنجاڭ ئۈچۈن جەڭ " ماۋزۇلۇق كىتابىدا 40 - يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلار بار.

0:00 / 0:00

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ستالىن ئۆزى بىۋاسىتە 40 - يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان ئىكەن.

1931 - يىلىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى ئاستىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى قاپلىغان ئىنقىلاب يالقۇنلىرى نەتىجىسىدە، 1933 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەسىس قىلىندى. بۇ ۋاقىتتا پەقەت ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئەمما، 1933 - يىلى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۆلكىنىڭ دۇبەنلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغان شېڭ شىسەي ماجوڭيىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋىدا قېلىپ، پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالغاندا، موسكۋانىڭ قارارى بويىچە ئالتايىسكىي نامدىكى قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرى چېگرىدىن كىرىپ، ماجوڭيىڭ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى ھەمدە شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملىدى.

ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ يېزىشىچە، ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، تاكى 1942 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە شېڭشىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئۆز ئالدىغا پۈتۈن ئۆلكىنى ئىدارە قىلىپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىشنى چەكلىدى.

شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن مەزكۇر ئۆلكىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ۋە كونتروللۇقى ئاستىدىكى نۇقتىغا ئايلاندۇرۇپ، تۈرلۈك ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن بولدى . بىراق، شېڭشىسەي سوۋېت - گېرمان ئۇرۇشىدا ستالىن يېڭىلگەن پەيتلەردە موسكۋادىن يۈز ئورىدى. بۇ ئەھۋال ستالىننىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، ئۇنى يوقىتىش قارارىغا كەلتۈرگەن.