0:00 / 0:00
ئوسمان ئالتاينى ئايرىم باشقۇرۇشنى ئويلىغاچقا بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىغان ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالتايدا كان قېزىشقا قارشى چىققان. ئوسماننىڭ غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشى ۋە كېيىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇرۇش قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ ئالتاينىڭ خانى بولۇش ئىكەنلىكىدۇر.
ئەنە شۇ مۇددىئا تۈپەيلىدىن ئۇ غۇلجا ۋە موسكۋا بىلەن قارشىلىشىپ، ئەكسىچە ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭ كۈچلىرى بىلەن بىرلەشكەن. ئوسماننىڭ بۇ قىلمىشى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىمۇ بىئارام قىلغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ داۋامىنى ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ تەپسىلى تونۇشتۇرۇشدىن ئاڭلايسىز.