مانا ئەمدى ئىككىنچى قېتىملىق باش ۋەزىرلىككە سايلانغاندا بېيجىڭ بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتتە بولغانلىقتىن جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە تۇنجى قېتىملىق سەپىرىنى باشلىدى. ئابې ۋيېتنام، تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ چىشىغا تەگمىگەن ئاساستا، ئىقتىسادنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ھالدا، ئىقتىسادى كېلىشىملەرنى تۈزمەكچى دەپ كۆرسەتكەن. خەۋەردە ياپونىيىنىڭ سابىق دىپلوماتى ھىتوشى تاناكانىڭ سۆزىنى نەقىل ئالغان بولۇپ، ھازىر توكيو خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ھىتوشى تاناكا «خىتاينى دۈشمەن قىلىۋېلىشنىڭ مەقسىتى نېمە؟ مېنىڭ قارىشىمچە، بۇ تازا ئاقىلانە بولمىغان دىپلوماتىيە» دېگەن.
ياپونىيىدىكى بىر قىسىم تىنچلىقپەرۋەر كىشىلەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ پەرەز قىلىشماقتا. بۇ ھەقتە ئۇزۇن مۇددەت خىتاي، ياپون دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان يۇكىخانىم ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى:
«ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە جەھەتلەردە ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان ئېلىپ كەلمەكتە. مېنىڭچە، مەسىلىنىڭ بالدۇرراق ھەل قىلىنغىنى ياخشى.»
خىتاينىڭ بەزى تور مەتبۇئاتلىرى ئابېنىڭ 16-يانۋاردىن باشلاپ جەنۇبىي ئاسىيادىكى زىيارىتىنى باشقىچە بۇرمىلاپ، ياپونىيە ئۆزىگە شېرىك توپلاپ، خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دەپ بىلدۈرگەن.
ياپونىيىدىكى ئاساھى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، باش ۋەزىر ئابېنىڭ ئۈچ دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى پەقەتلا ئۆز-ئارا ئورتاق ئىقتىسادىي گەۋدە قۇرۇشنى ئاساس قىلغانلىقىنى قەيت قىلغان.
ياپونىيىلىك سىياسىي ئىقتىساد پەنلىرى دوكتورى، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى نىشىخارا ئەپەندى ئابېنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مۇددىئاسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى:
«ئابې ئەسلىدىكى پىلانى بويىچە ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارماقچى ئىدى. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ۋيېتنام، تايلاند، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش،جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە ياپونىيىنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىنى كۆزلىگەن ئاساستا زىيارەت ئېلىپ باردى، بۇ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئويلىغاندەك ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش دېگەندەك خاھىشلاردىن يىراق بولغان، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نورمال زىيارەتتۇر. ئابېنىڭ بۇ قېتىمقى بۇ زىيارىتىدىن خىتاينىڭ ئەندىشە قىلىپ كېتىشى ئارتۇقچە ئىش.»
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 16-يانۋار خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى خاتوياما،خىتاي مەركىزى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، خىتاينىڭ يۇقىرى سىياسىي مەسلىھەتچىسى جيا چىڭلىن بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەتتە بولغاندا، خىتاي تەرەپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسىنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. سابىق باش ۋەزىر خاتوياما ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ بالدۇرراق سۆھبەت ئارقىلىق ئاخىرلىشىشىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيىنىڭ باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان تاشقى دىپلوماتىيە سىياسىتى توغرىسىدا، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي كۆزەتكۈچىلەردىن دوكتور تۇرمۇھەممەت ئۆزىنىڭ قىسقىچە قاراشلىرىنى بايان قىلدى.