ۋەقە زاۋۇتتىكى ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. گۆھەر مەمەت ئۈرۈمچىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ، مەزكۇر تىجارەتچىلەرنى جازالاشنى، بۇ ئارقىلىق رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي نارازىلىقىنى پەسەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئۇنىڭ شىكايەت ۋە تەلەپلىرى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە دىققىتىنى تارتمىغان.
ئاخىرى ئۇ ئەرزىنى خىتاينىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن.
ۋەقە ئۆتكەن يىلى دېكابىردا يۈز بەرگەن. گۆھەر مەمەت سودىلىق قىلىش جەريانىدا بىر خىتاي دۇكاندار بىلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا، 30 دىن ئارتۇق خىتاي تىجارەتچى ئۇنى قورشاۋغا ئېلىۋالغان ۋە گۆھەر مەمەتكە ئۇنىڭ مىللىي كىملىكىنى كەمسىتىدىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئورنىنى مازاق قىلىدىغان تىل - ھاقارەت بىلەن ھۇجۇم قىلغان ۋە نوقۇپ دۈشكەلىگەن.
گۆھەر مەمەت نەق مەيدانغا ساقچى چاقىرغان بولسىمۇ، ساقچىلار خىتاي تىجارەتچىلەرگە چاپان ياپقان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۆھەر مەمەت خانىم توقۇنۇشنىڭ تەپسىلىي جەريانىنى سۆزلەپ، ئۆز بېشىغا كەلگەن ئۇۋالچىلىقلار ئۈستىدە توختالدى.
5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ يىرىكلەشكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ئاھالىلەر ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلەش خاراكتېرىدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىزچىل ھالدا يۈز بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا خىتاي قانۇن ئورگانلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە خىتاي پۇقرالىرىغا يان بېسىۋاتقانلىقى، يۇقىرىقىدەك پاكىتلاردىن ئېنىق كۆرۈلمەكتە.
بىز كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا گۆھەر مەمەتنىڭ كىملىكى، ئەرزى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە داۋاملىق تۈردە مەلۇمات يەتكۈزىمىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.