شىۋېتسىيە پارلامىت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىششىنى تەلەپ قىلدى

5 - ئيول ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگە قىرغىنچىلىقنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرى تەرىپىدىن كەڭ تەشۋىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا كۈچلۈك بىر ئىنكاستا بولماسلىقى شىۋېتسىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان بىر قىسىم پارلامىت ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009.08.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Urumchi-Uyghur-ayallar-namayishi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 7 - ﺋﯩﻴﯘﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﺎﺕ - ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
YouTube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ پارلامىت ئەزالىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە شىۋېتسىيە باش ۋەزىرى پرېدرىك رېيىنفىلدقا خەت يېزىپ، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىلەردە ئىنساني مۇئامىلىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.

كرىست دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامىت ئەزاسى ئاننالىيە ئېناكسون خانىم باش ۋەزىرگە يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ": مەن 2000 - يىلى قەسەم بېرىپ پارلامىنتقا كىرگەندىن بىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىپ كىلىۋاتىمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇچراشتىم. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق ۋەقەلەر 89 - يىلى بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا ئوخشايدۇ. بۇ ۋەقەلەرگە قارىتا پۈتۈن دۇنيا چۇقۇم ئىنكاستا بولۇشى ۋە تۇنقۇنلارنىڭ ئىنساني مۇئامىلىدە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك شىۋېتسىيە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولۇش سالاھىتى بىلەن تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا ياردەمدە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا شۇنداق تەكلىپ بىرىمەنكى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قىزىل كىرىست جەمئىيىتىگە ئوخشاش مۇستەقىل ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمى بىرىدىغان ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى قىرغىنچىلىق ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرغا ئوخشاش ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ مىساللىرىدىن بىرىدۇر."

يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامىنت ئەزاسى بودىل سېباللوس ۋە ياۋرۇپا پارلامىنتى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان سابىق ئەزاسى پېر گارتون ئەپەندىلەر شىۋېتسىيە باش ۋەزىرىگە يازغان خېتىدە مۇنداق دەيدۇ" :خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ئەھۋالىنى ۋە يوللۇق تەلەپلىرىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. بىز ياۋرۇپا پارلامىنتى ۋە شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە خەلقئارالىق مۇستەقىل ئورگانلارنى، كۆزەتكۈچىلەرنى ئەۋەتىپ تۇتقۇنلارنىڭ خەلقئارالىق قانۇنى تەرتىپلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز."

بۇلاردىن سىرت، يەنە بىر قىسىم سىياسي پائالىيەتچىلەر ۋە شىۋېتسىيە مەملىكەتلىك خىرستىيان دىنى جەمئىيىتىمۇ شىۋېتىسيە ھۆكۈمىتى ۋە باش ۋەزىر فرېدرىك رېيىنفېلتقا خەت يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى قانىلىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلىشىنى ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلغان.

بىز بۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىققىغا قارىتا ئاكتىپ ئىنكاستا بولماسلىقىنىڭ جاۋابىنى تېپىقىشقا تىرىشتۇق.

كوچىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر شىۋىت بۇ مەسىلە ھەققىدە كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيغۇرلار ھەققىدە سىياسەتچىلەرنىڭ بىلىمىنىڭ كامچىل بولۇشى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي كرىزىسنى چۆرىدىگەن بىر قاتار مەسىلىلەر شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قارىتا ئاكتىپ بىر ئىنكاستا بولماسلىقىنىڭ ئاساسى سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.  ئەمما مىنىڭ پىكىرىمچە، ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنىڭ يېتەرسىز بولۇشى بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى مەن شۇنچە ياشقا كىرىپتىمەن، ئەمما ھازىرغىچە خىتايدا ئۇيغۇر ئىسىملىك بىر خەلقنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن ئىنتېرنېتتىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئازىراق ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇم."

زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىم بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.