[ شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى 3 - فېۋرال ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇOpens in new window ]
: "بۈگۈن فېدېراتسىيە كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدە بىگۇناھ ھالدا يىللاپ تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۇيغۇرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەجىدىن قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلدۇق."
بۇ ئۇيغۇرلار گۈەنتانامودا 2001 - يىلدىن بۇيان قامالغان ئاكا - ئۇكا مەھبۇس بەختىيار مەھمۇت ۋە ئەركىن مەھمۇتلار ئىدى.
يۇقىرىقى قېرىنداشلارنىڭ ئادۋوكاتى ئېلىزابىت گىلسون خانىم مەزكۇر قاراردىن ئىنتايىن مەنمۇ بولغان بولسىمۇ، قارار چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا زور ئۈمىد كۈتۈپ كېتىشنى خالىمىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن بەك ئۈمىدلىنىپ كېتىشتىن ئەندىشە قىلغان ئىدىم. يولدىشىم بۇ كۈننىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ خۇشاللىق كۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مەنچە بىز توي قىلغان كۈن بىز ئەڭ خۇشال كۈنىمىز بولسا كېرەك. ئەمما مەن ھاياجانلاندىم. كېيىن بۇ قاراردىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم."
گىلسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە شۋېتسارىيە دائىرىلىرى بۇ ئاكا - ئۇكىلارنى شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئۆز - ئارا چۈشىنىش كېلىشىمنامىسىنى تەييارلاۋېتىپتۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: " ئەمما مەن شۋېتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ بالىلارنى ئۆز تۇپرىقىغا بىر ئاي ئىچىدە ئەكىتىپ بولۇشىنى كۈتىمەن ۋە بۇ بالىلارنىڭ بىر ئاي ئىچىدە شۋېتسارىيىگە يۆتكىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."
شۋېتسارىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى شۋېتسارىيە دائىرىلىرىنى مەزكۇر قارارىدىن ۋاز كېچىشكە كۆپ قېتىم قىستىغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، شۋېتسارىيە سودا مىنىستىرى شۋېتسارىيە - خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى شۋېتسارىيىگە قوبۇل قىلىشقا قارشى چىققان.
ھالبۇكى، شۋېتسارىيە دائىرىلىرى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئاۋازغا قويۇشتا بۇ ئاكا - ئۇكىلارنى قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلدى.
بۇ ھەقتە توختالغان شۋېتسارىيىنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانا خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: "نۆۋەتتە بىز خىتاي تەرەپ بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ سودا مىنىستىرىمىزنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىشقا قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەب. چۈنكى خىتايمۇ، بۇلارنى قوبۇل قىلساق خاپا بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرگەن ئىدى. بىز گۈەنتانامونىڭ تېزرەك تاقىلىشىغا تۆھپە قوشالىغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەكچى بولغانلىقى ئېنىق. بەلكىم ئۇلار بۇ ئىشتىن خاپا بولغاندۇ."
خىتاي ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. دەرۋەقە خىتاي دائىرىلىرى شۋېتسارىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىغا نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىمى خىتاينىڭ دۆلەت مەيدانىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى مەيدانى ئىزچىل ۋە روشەن. ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ تېررور گۇماندارلىرى، ئافغانىستاندا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا تۇتۇلغان. ئۇيغۇر گۇماندارلار خىتاي پۇقراسى. ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ خىتاي قانۇنى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك."
خىتاي دائىرىلىرى بۇ خىلدىكى پىكىرلەرنى، بۇ ئۇيغۇرلار گۈەنتاناموغا قامالغان 8 يىلدىن بۇيان، ئىزچىل تەكرارلاپ كەلمەكتە ئىدى.
شۋېتسارىيە دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش قارارىنىڭ سىياسىينى چىقىش نۇقتىسى قىلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
رويتېرىستا نەقىل قىلىنىشىچە، شۋېتسارىيە ئەدلىيە مىنىستىرى شلۇمپف خانىم شۋېتسارىيىنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: " ئاخىرىدا، ھەل قىلغۇچ ئامىل ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت. بىز بۇ قارارنى شۋېتسارىيىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ئالدۇق."
ھالبۇكى، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەلەپ ۋە نارازىلىقلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ھازىرغىچە ئەسلىدىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 15 نەپىرىنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى.
شۋېتسارىيىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىش قارارىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى دائېئان بويد:" بىز شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ۋە يۇرا شتاتىنىڭ گۈەنتانامونى تاقاش ئىشلىرىمىزغا ياردەمدە بولغانلىقىدىن مىننەتدارمىز. شۋېتسارىيىگە ئوخشاش يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى، گۈەنتانامونى تاقاش خىزمىتىمىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم."
شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارى ئىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا جايلاشقان قانۇنىي ھوقۇقنى قوغداش مەركىزى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قارارغا ئاپىرىن ئوقىدى ۋە 5 يىلدىن بۇيان بۇ ئاكا - ئۇكىلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا توختاۋسىز ئىزدەنگەن گىلسون خانىمنىڭ ئەمگىكىنى تەرىپلىدى.
گىلسون خانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۈگۈن گۈەنتاناموغا تېلېفون قىلىپ، ئۆز دەۋاگەرلىرىگە خوشخەۋەرنى يەتكۈزىدىكەن. ئۇ، "مەن بۈگۈن ئۇلارغا تېلېفون قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردۇم. بىز تېلېفون قىلىشقا تىرىشساقمۇ، ھەربىي دائىرىلەرنىڭ تەستىقىنى ئالماق بەك تەس. ئەمما مەن ئۇلارغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۇچۇن جىددىي تېلېفون ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ رۇخسەت ئالدىم،" دېدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەتكۈزگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تاپىلىشى بىلەن مۇئاۋىن رەئىس ئەسقەرجان ۋە باش كاتىپ دولقۇن ئەيسالار بۇ ئاكا - ئۇكىلارنى شۋېتسارىيىگە ئالدۇرۇش يولىدا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. ئالدىنىقى ھەپتە رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق بىر ھەيئەت شۋېتسارىيىگە كېلىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش ۋە سىياسىي رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشۈش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى بېرمۇدىغا 4 نەپەر ئۇيغۇر يەرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، گۈەنتانامودا يەنە 13 ئۇيغۇر ئېشىپ قالغان. 2009 - يىلى ئىيۇندا، پالاۋ دائىرىلىرى گۈەنتانامودا قېلىپ قالغان 13 ئۇيغۇرنىڭ 12 نەپىرىگە پاناھلىق بېرىدىغانلىقى، قالغان بىر نەپىرىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
كېيىن ئاشكارىلىنىشىچە، پالاۋ دائىرىلىرى قوبۇل قىلمىغان ئۇيغۇر ئەسلى ئەركىن مەھمۇت بولۇپ، بۇ خەۋەرنى ئۇققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى بەختىيار مەھمۇتمۇ پالاۋغا بېرىشىنى رەت قىلىپ، ئاكىسىغا ھەمراھ بولۇپ گۈەنتانامودا قېلىشنى تاللىغان. بۇ ئىككىيلەننىڭ ھېكايىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن.
ئەگەر بۇ نۆۋەت بۇ ئىككى قېرىنداش ساق - سالامەت شۋېتسارىيىگە يەرلەشتۈرۈلسە، گۈەنتانامودىن جەمئىي 17 نەپەر ئۇيغۇر باشقا دۆلەتلەرگە يەرلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، گۈەنتانامودا يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇر قېلىپ قالدى، ئەمما بۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ھازىرچە نامەلۇم.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.