نامايىش سائەت 3تە باشلانغان بولۇپ، بۇ يەردە بىر سائەت ئەتىراپىدا 5 - ئېيۇل قىرغىنچىلىققىغا مۇناسىۋەتلىك نۇتۇقلار سۆزلەنگەندىن كىيىن ستوكھولىمنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىپ خىتاي ئەلچىىانىسىنىڭ ئالىدىغا بېرىپ نامايىشنى داۋاملاشتۇرماقچى.
ھازىر ئەزەربەيجان جەمىيىتىنىڭ ۋەكىلى سۆزگە چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلىىرىنى تەنقىت قىلماقتا. ھازىر سائەت 4 بولدى نامايىشچىلار توپى پارلامىت بىناسى ئالدىدىن قوزغۇلۇپ، سەپ بولۇپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يول ئالدى. نامايىشچىلار شۇئارلار بىلەن كوچا ئايلانماقتا. نامايىشچىلار سائەت 5 بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئاۋاز ياڭراتقۇ بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ خىتاپ قىلماقتا. نامايىشچىلار خىتاي ئەلچىخانىسنىڭ ئالدىغا قارا ماتەم چەمبىرىگى قويغاندىن سىرت خىتاي پابيرىقىنى يىرتىپ ماشىنىلار چاقىغا تاشلاپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.