شۋېتسىيىنىڭ ئادىل ھېكىمگە پاناھلىق بېرىشى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئۈمىد تۇغدۇرماقتا

ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش ھۆكۈمى بىكار قىلىغان پەيتلەردە، ئىلگىرى مەزكۇر تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ، ئالبانىيىگە يەرلەشتۈرۈلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىرسى بولغان ئادىل ئابدۇلھېكىمگە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى پاناھلىق بەردى.

0:00 / 0:00

ئادىلنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئانالىزچىلارنى خۇرسەن قىلغان بولسا، ھېلىھەم گۇئەنتانامودا ئازاپ چېكىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاداققىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكىنىڭ گۇئەنتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كېيىنكى تەقدىرى يەنە بىر مەرتە غۇۋالاشقان بولسىمۇ، ئەمما شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئادىل ئابۇلھېكىمگە پاناھلىق بېرىشى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا باشقىچە ئۈمىد تۇغدۇرماقتا.

گۇئەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلار ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيىلىك مۇستەقىل يازغۇچى ۋە سىياسىي كۆزەتچى ئەندي ۋورتىڭتون (Andy Worthington)

ماقالا ئېلان قىلىپOpens in new window ]

، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر تۈرمىگە كىرىپ قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان.

ئەندي ۋورتىڭتون: "شۋېتسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقاندەك سېزىۋاتىمەن"

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەندي ۋورتىڭتون، شۋېتسىيىنىڭ دەل شۇنداق بىر پەيتتە بۇ خىل قارارنى چىقىرىشى تاسادىپىيلىقتەك قىلسىمۇ بۇنىڭدىن شۋېتسىيىنىڭ يەنە باشقا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشىغا ئۈمىد تۇغۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەندى ۋورتىڭتون "شۋېتسىيە 15 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇ قارارغا كەلدى. بۇ قارارنىڭ بۇنداق ۋاقىتتا چىقىرىلىشىدىن، ئۇلارنىڭ گۇئەنتانامودىكى باشقا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈۋاتقاندەك سېزىۋاتىمەن" دېدى. ئۇ يەنە، ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بۇنىڭمۇ يامان بولمايدىغانلىقىنى، ستوكھولمدا مۇئەييەن چوڭلۇقتا بىر ئۇيغۇر جامائىتى بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنىڭ، 2006 - يىلى گۇئەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ يەرلەشتۈرۈلگەن 5 ئۇيغۇردىن باشقا ھېچ ئۇيغۇر يوق ئالبانىيىدىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

سېيبىن ۋىللەت مۇنداق دېدى: "بىز، بۇلار ھەممىسىنىڭ پرېزىدېنت ئوبانىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى سەمىگە سالىمىز"

نۆۋەتتە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئامېرىكىغا ئاۋە ياكى ياۋروپا ئەللىرىگە يەرلەشتۈرۈلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ئەمما، گۇئەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى ھۆكۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ باش ئادۋوكاتى سېيبىن ۋىللەت ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، مەزكۇر ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى قويۇپ بېرىشكە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مۇراجەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

سېيبىن ۋىللەت مۇنداق دېدى: " بۇ نۆۋەت بىز، پرېزىدېنت ئوباماغا، بۇلار ھەممىسىنىڭ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى سەمىگە سېلىشىنى توغرا تاپتۇق. سوت ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خاتا، ئەمما سوت شۇنداق قارار ئالدى."

سەيبىن ۋىللەت يەنە، ئەگەر پرېزىدېنت ئوباما بۇنى قىلالىسا، ئۇنىڭ بۇنى چوقۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى، يەنە كېلىپ ئەتىلا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان كۆزەتچى ئەندي ۋورتىڭتون، باشقا دۆلەتلەرنى، گۇئەنتانامودا ئاقلىنىپ بارىدىغان يېرى يوق تۇرۇپ قالغان كىشىلەرنى ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇلاردىن بىر نەچچىنى قوبۇل قىلىشى لازىملىقىنى، ئامېرىكا ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللاش ئوبېكتى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەرزىيەت سوتى چىقارغان بۇ قارارنىڭ ئىشلارنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، "سوتنىڭ قارارى ئامېرىكىنىڭ بۇ تاللاش يولىنى تەسلەشتۈرىۋەتتى. شۇڭا بۇ ئوبامانىڭ روھىغا ئازراق سوغۇق سۇ چېچىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن" دەيدۇ.

سەيبىن ۋېللەت": ئالىي سوت ئىككىنچى قەدەم"

ھالبۇكى، مەزكۇر 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دېلوسىنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن بەل باغلىغان بولۇپ، گۇئەنتاناموغا قىلغان سەپىرىدىن قايتىش يولىدا زىيارىتمىزنى قوبۇل قىلغان سەيبىن ۋېللەت، ئۆزلىرىنىڭ بۇ نۆۋەت زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە گەرچە نۆۋەتتە سۇنۇلىدىغان ئەرز ھەققىدە كونكرېتنى قارار چىقىرىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما " ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىدا يەنە دېلوغا قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىشى مېخانىزىمى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالىي سوت ئىككىنچى قەدەم،" دېدى.

سېيبىن ۋېللەت بىلدۈرۈشىچە، گۇئەنتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزىيەت سوتى چىقارغان قارارىدىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئىچى سىقىلغان. سېيبىن ۋېللەت: "9 - ئۆكتەبىر ئۇ لارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشكە پەقەت بىر نەچچە سائەتلەر قالغان ئىدى. ئۇلار ھەربىي تۈرمىسىدە ھەددىدىن ئارتۇق يېتىپ كەتتى شۇڭا ئۇلار ھازىر ئۈمىدسىزلىك ۋە ئىچى سىقىلىش ئىلكىدە،" دېدى.

18 - فېۋرال چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتى قارار چىقىرىپ گۇئەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىشى ھۆكۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.