شۋېتسىيە، خىتاينىڭ ئادىل ھېكىمجاننىڭ پاناھلىق ئىشىغا قول تىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا شۋېتسىيىنىڭ بىر يۇقىرى سوت مەھكىمىسى سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنى ئادىل ھېكىمجاننىڭ پاناھلىق دېلوسى ئۈستىدىن ھۈكۈم چىقىرىپ، تۆۋەن سوتنىڭ ئادىلغا پاناھلىق بېرىش توغرىسىدىكى قارارىنى توغرا دەپ ئېلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.05.14
Adil-Hekim-Adwukati-Shiwetsiye-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻫﯧﻜﯩﻤﺠﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﯞﻭﻛﺎﺗﻰ Sten De Geer ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﻮﺗﺘﯩﻜﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﮔﻪ.
www.csmonitor.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ www.csmonitor.com ﺩﺍ.

كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئادىلغا پاناھلىق بېرىشنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى ئەرزىنى رەت قىلغان ئىدى. ئەمدى شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئادىلغا پاناھلىق بېرىش ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، شۋېتسىيە دائىرىلىرىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى.
 
شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىدىن ئادىل ھېكىمجاننىڭ شۋېتسىيىدە پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ئادىلغا پاناھلىق بېرىشنى توسىغانلىقى، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك بېسىم ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسارى: "خىتاينىڭ بېسىمى، گۈەنتانامودىكى باشقا ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا ئالبانىيىدىكى قالغان 4 ئۇيغۇرنى قوغداپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى نامايەن قىلدى."

شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئەسلەتمىسىدە خىتاي ئەلچىخانىسى ئادىل ھېكىمجاننىڭ پاناھلىق ئىشلىرىدا شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىلىشىپ، شۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئادىلغا ۋىزا بەرگەنلىكى ۋە ئادىلنىڭ پاناھلىق تەلىپى قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن "قاتتىق نارازى" بولغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ ئادىلنى "تېررورچى" ھېسابلايدىغانلىقىنى ۋە شۋېتسىيىنىڭ "بىر تېررورچى" غا تۇتقان بۇ مۇئامىلىسىنى "چۈشەنمەك مۇمكىن ئەمەس" دەپ قارىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئامېرىكا "خرىستيان ئىلمىي رىسالىسى" گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەرىدە، بۇ ئەسلەتمە توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ ئەسلەتمىلەردە خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ تەپسىلىي جەريانىنى، خىتاينىڭ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار بۇ دېلوغا ئارىلاشقانلىقىنى ۋە بېسىمنى كۈچەيتكەنلىكىگە ئائىت خاتىرىلەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
 
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئادىل ھېكىمجاننىڭ شۋېتسىيىلىك ئادۋوكاتى ستېين دېياېر خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن‏ شۋېتسيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارىسىدىكى ئالاقىگە دائىر بۇ ئەسلەتمىنى شۋېتسىيە ئۇچۇر ئەركىنلىك قانۇنىغا ئاساسەن قولغا چۈشۈرگەن. ستېين دىياېر، رادىئومىزغا بەرگەن مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ":مەن تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا خەت يېزىپ، ئەگەر خىتاي ئەلچىخانىسى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى بىلەن ئادىلنىڭ دىلوسى توغرىسىدا ئالاقىلاشقان بولسا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدىم. لېكىن ئۇلار مەخپىيەتلىك قانۇنىغا تايىنىپ، مېنىڭ سۇئالىمغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار بۇ ئۇچۇر ئاشكارىلانسا، بۇنىڭ شۋېتسىيە - خىتاي مۇناسۋىتىگە دەخلى‏ - تەرۇز يەتكۈزىدىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى. بۇ جەرياندا شۋېتسىيىدىكى بەزى چوڭ مەتبۇئاتلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى بىلەن ئادىلنىڭ مەسىلىسى توغرىسىدا ئالاقىلاشقان ياكى ئالاقىلاشمىغانلىقىنى سورىغان. ئەلچىخانا ئۆزلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان."

ستېين دىياېر، شۋېتسىيە تاشقىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ بۇ ئەھۋالدا خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بولغان ئالاقىلەردىكى ئادىلغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتكەن مەزكۇر دېلو ھەققىدىكى ئەرزىدە شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي - شۋېتسىيە مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئادىلغا پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئادىلنىڭ قانۇندىكى ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ستېين دىياېر، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار دائىرىلىرىگە تۆۋەندىكى تەلەپلەردە بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ستېين دىياېر مۇنداق دەيدۇ": ئۇلار شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا ئادىل ھېكىمجان بولسا بىر تېررورچى. ئۇ جۇڭگوغا قايتۇرۇلۇپ سوتلىنىشى كېرەك، دېگەن. ئۇلار يەنە شۋېتسىيە قانداق قىلىپ بىر تېررورچىنىڭ شۋېتسىيىگە كېلىپ زىيارەت قىلىشىغا ۋىزا بەردى ؟ شۇنىڭدەك يەنە، ئۇنىڭ پاناھلىنىشىغا يول قويىدۇ. بىز بۇنى چۈشەنمەيمىز، دېگەن."

ئادىل ھېكىمجان 2007 ‏ - يىلى شۋېتسىيىگە كەلگەن ئىدى. شۋېتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى دەسلەپكى سوتتا ئادىلنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىدۇ. لېكىن ئۇ قارارغا ئىشەنمەي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىدۇ. دالارنادىكى بىر سوت مەھكىمىسى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قارارىنى رەت قىلىپ، ئادىلغا شۋېتسىيىدە پاناھلىنىش ھوقۇقى بەرگەن. يۇقىرى سوت ئۇنىڭ بۇ ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.

ئادىل ھېكىمجان رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈردى.

"خرىستيان ئىلمىي رىسالىسى" گېزىتى ھۆججەتلەرنىڭ بىرىدە شۋتسىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى خىتاي بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ مۇنداق يازغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. "خىتاينىڭ ستوكھولىمدىكى ئەلچىخانىسى شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئالاقىلاشتى. ئادىلنىڭ دىلوسى شۇنداقلا ئەگەر گۈەنتانامو لاگىرى تاقالسا شۋېتسىيىنىڭ بۇ يەردىكى ھەر قانداق ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى."
  
شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئادىلنىڭ دىلوسىدا شۋېتلارغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلىپ، گۈەنتانامونىڭ تاقىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر تەنقىدلەرنى " ئەخمىقانىلىقتۇر" دەپ ئەيىبلىگەن. شۋېتسىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى جاۋ لۇلۇ " خرىستيان ئىلمىي رىسالىسى" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ ":ئاتالمىش جۇڭگونىڭ بېسىمى گۈەنتانامونىڭ تاقىلىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلدى، دېگەنلىك ئەخمىقانىلىقتۇر. بىز ئېيتىپ كېلىۋاتىمىز، ئۇيغۇر تېررورچى گۇماندارلار جۇڭگوغا قايتۇرۇلۇپ، ئادىلانە سوتلىنىشى كېرەك."

لېكىن ئادىل ھېكىمجاننىڭ ئادۋوكاتى ستېين دېياېر خىتاينىڭ ئادىل ھېكىمجان ھەققىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنى ئادىلانە سوتلىنىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، "مەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى ئادىلانە سوتلىنىدۇ، دەپ قارىمايمەن. مېنىڭچە، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى خاتا باستۇرۇۋاتىدۇ. ھەتتا تىنچ نامايىشلارنى ناھايىتى قەبىھ ۋاستىلار بىلەن باستۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئادىلەنە سوتلىنىشىغا ئىشىنىش مۇمكىن ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى.

ئادىل ھېكىمجاننىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسى شۋېتسىيىنىڭ ئادىلنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى ئالبانىيىگە قايتۇرۇۋىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2005 ‏ - يىلى ئادىل ھېكىمجان ۋە ئۇنىڭ 4 نەپەر ھەمراھىنى ئالبانىيىگە يۆتكىگەن، ئادىل شۋېتسىيىگە ئالبانىيىدىن كەلگەن ئىدى. ئۇ، گۈەنتانامو دىلوسى شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قاشاپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنى ناھايتى بىئارام قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئۇ ئالبانىيىگە قايتۇرۇلسا بۇ ئىشنىڭ داغدۇغىسى بېسىلىدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن "خرىستيان ئىلمىي رىسالىسى" گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، ياۋروپا ئەللىرىگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى ئىجابىي ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى، بەلكى بۇ ياۋروپا ئەمەلدارلىرىدا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداش لازىم، دېگەن تۇيغۇنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىسارى توماس ھاممىربېرگ " خرىستيان ئىلمىي رىسالىسى" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: "خىتاينىڭ بېسىمى، گۈەنتانامودىكى باشقا ئۇيغۇرلارنى شۇنداقلا ئالبانىيىدىكى قالغان 4 ئۇيغۇرنى قوغداپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى نامايەن قىلدى."



پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.