رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىدە، بۇ يىل 3 - ئايدا باشلانغان تىبەت ھەرىكىتىدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىنىلا ئەمەس، بەلكى 1949 - يىلىدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئېلىپ بارغان ھەر قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تارتقان ئېچىنىشلىق دەرت -ئەلەملىرىنى تونۇشتۇرغان.
شىۋىتلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇردى
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېيتىشىچە، شىۋېتسىيە پارلامىنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتتە، رابىيە خانىمدىن كېيىنلا ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى زىيارەت قىلغان شىۋىتلەرمۇ نەق مەيداندىن ئېلىنغان رەسىملىك پاكىتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەمەلىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرغان.
ئۇيغۇر بالىلىرى كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالىدۇ
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېيتىشىچە، شىۋېتسىيە پارلامېنتى ئويۇشتۇرغان شۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، شىۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى چۇقۇم ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
شىۋېتسىيىدىكى تۈركلەرمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللايدۇ
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېيتىشىچە، شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ تۈرك ئەزاسى مۇھەممەت قاپلان ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.