قۇرۇلۇش مۇراسىمىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوتتو ۋان ئارنولد ئەپەندى قىلدى. ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇش جەريانىنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتكەندىن سىرت، شۋېتسىيە پارلامېنتىدا مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ شۋېتسىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە كېلىشىدە مۇھىم رولى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بۇيىچە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماھىنۇر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسى ۋەزىيىتى ۋە شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئاندىن مائارىپ ئۇيۇشمىسىدىن نىجات ئەپەندى شىۋېتلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى مۇناسىۋىتى ۋە بىر قىسىم شىۋېتسىيىلىك تەتقىقاتچى، ئېكىسپىدىيىچى ۋە شىۋېت مىسيۇنېرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەتمە بەردى.
يىغىندا سۆز ئالغان ئائالىيە ئېناكسون خانىم ئۇيغۇرلار مەسىلىنى تونۇش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن تونۇشقىنىمغا 10 يىللارچە بولدى، بۇرۇن شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدىغانلار ۋە كۆتۈرۈپ چىقىدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلىشىمۇ تىز بولۇۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كىيىن شۋېتسىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلمەيدىغان ئادەم قالمىدى. مەن رابىيە قادىر خانىمنى بىلگەندىن بېرى ئۇنى ھەر يىلى دېگۈدەك نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىپ كېلىۋاتىمەن. دەسلەپتە ئۆزەم يالغۇز كۆرسەتكەن بولسام، ئەمدى نامزات كۆرسىتىدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىۋاتىدۇ، مەسىلەن، بۇ يىللىق نامزات كۆرسىتىش قەغىزىگە شۋېتسىيە پالامېنتىدىن 20 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى قول قويدى. رابىيە قادىر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكىچە ئۇنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى ئۆزەمنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارايمەن."
شۋېتسىيىدە ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان مۇدېراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئۇلېرىكا كارىلسون خانىم سۆز نۆۋىتىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيغۇر مەسىلىسى ماڭا نىسبەتەن ناھايىتى ناتونۇش بىر مەسىلە ئىدى، بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىدىكىلەر بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دەسلەپكى تونۇشقا ئىگە بولغان ئىدىم، مانا ئەمدى "شۋېتسىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى"نى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە ئۇنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن، مەن بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشالمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە، بۇ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى پارلامېنتلاردا تۇنجى 'ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى'نىڭ قۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىنىڭ شۋېتسىيە پارلامېنتىدا مۇنازىرىگە قويۇلۇشىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا دائىر قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئىستەيمىز. ئىشىنىمەنكى، بۇ دوستلۇق جەمئىيىتىگە ئەزا بولىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانى پات يېقىندا تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.
يىغىن ئاخىرىدا، يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بۇيىچە جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى. جەمئىيەت رەئىسلىكىنى خرىستىئان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى ئوتتو ۋان ئارنولد ئەپەندى، كاسسىرلىقىنى يېشىللار پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى مەمەت قاپلان ئەپەندى ئۈستىگە ئالدى. قالغان رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى كېيىنكى يىغىندا تولۇقلىنىدىغان بولدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.