ئاپتور ئەسەردە شىۋېتسىيىدە قالغان جىيەن ئوغلى رۈتىس بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئىچكى مونولوگ شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ، ئەينى يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە شەرقى تۇركىستاننىڭ تەبئىي مۇھىتىنى تونۇشتۇرغان.
ئاپتور لاش ئېرىك ھۆگبەرىي شىۋېتسىيلىك دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ تەركىبىدە ئەڭ دەسلەپ قەشقەرگە بارغان دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قەشقەر، يەكەن ۋە يېڭىسارلاردا 1894 - يىلدىن 1916 - يىلغىچە تۇرغان. ئۇ دىن تارقاتقۇچىلار تەركىبىدىكى بىلىملىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ شەرقى تۈركىستاندا تۇرغان 22 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر تىلىنى مۇكەممەل ئۆگەنگەندىن سىرت، ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بىر قىسم ئەسەرلىرى بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
بۇ كىتابچە، "رۈتىس شەرقى تۈركىستانغا كەلدى"، "شەرقى تۈركىستاندىكى دىن ۋە ئىبادەتگاھلار"، "شەرقى تۈركىستاندىكى مەكتەپلەر ۋە نەشرىيات ئىشلىرى"، "شەرقى تۈركىستاندىكى داۋالىنىش ئىشلىرى"، "شەرقى تۈركىستاننىڭ تەبئىي مۇھىتى"، "ئۇيغۇرلارنىڭ تاماقلىرى ۋە تاماق ئۈستىلىدىكى ئەدەپلەر"، "شەرقى تۈركىستاندىكى بالىلار" قاتارلىق بابلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتور ئاددى تىللار بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋېتلارنى، شىۋېتسىيە بىلەن شەرقى تۈركىستاننى سېلشتۇرۇشقا تىرىشقان.
ئاپتور "شەرقى تۈركىستاننىڭ تەبئىي مۇھىتى" دېگەن بابىدا :
-- شەرقى تۈركىستان قانداق ئىكەن ، سېنىڭچە چىرايلىقمۇ؟ -- دېگەن دېئالوگ بىلەن تونۇشتۇرۇشىنى باشلايدۇ ۋە ئۆزى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
-- شۇنداق، چىرايلىق. بۇ سېنىڭ قايسى يەر بىلەن سېلشتۇرغىنىڭ ۋە قايسى پەسىلدە بۇ يەرگە كەلگىنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەن بۇ يەرگە كەلگىلى خېلى ئۇزۇن يىل بوپتۇ. مەن بۇ يەرنىڭ بارلىق پەسىللىرىنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەزدىم. بولۇپمۇ بۇ يەردە باھار پەسلى بەكلا گۈزەل، ئەتىراپ ئۈرۈك، ئالما، ئانار، نەشپۈت قاتارلىق ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چېچەكلىرىگە ۋە باشقا دەرەخلەرنىڭ يېشىللىقلىرىغا لىق تولىدۇ.
-- يەنە باشقا ئالاھىدە گۈزەللىكنى كۆردۈڭمۇ بۇ يەردىن ؟
-- شۇنداق، ئۆگزىگە چىقپ قارىسىڭىز يىراقتىن كۆرىنىدىغان كەڭ كەتكەن يېشىللىق، چىرايلىق باغلار، شەپەق نۇرىغا ئورالغان تاغ چوقىلىرى ئادەمگە ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەللىك بېغىشلايدۇ. بەلكىم دۇنيانى ئايلىنىپ يۈرگەن سەيياھلارمۇ سىزىپ قويغان رەسىمدەك بۇنداق گۈزەل بىر جاينى كۆرۈپ باقمىغاندۇ!
ئاپتور قەلىمى ئاستىدىكى بۇ گۈزەل كۈرۈنۈشلەر ، ئەينى چاغدا ئاپتور ئۆزى تۇرغان قەشقەر ، يېىڭىسار ۋە يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تەبئىي مەنزىرلىرىنىڭ گۈزەل كارتىنىلىرى ئىدى.
ئاپتور بۇ ئەسىرىدە، ئامال بار شەرقى تۈركىستاننىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئەدەبىي ئۇسلوپتا يۇرۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نادان، ساۋاتسىز، نامرات ھالەتلرىنى يۈرۈتۈپ بېرىشكىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان.
ئەسەرنىڭ "شەرقى تۈركىستاندىكى مەكتەپ ۋە نەشرىيات ئىشلىرى" دېگەن بابىدا مۇنداق بايانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: "بۇ يەردە شەھەردىكى بالىلار ئاساسەن كوچىلاردا ئوينايدۇ، قىزلار 11ياشقا كىرگەن ھامان ياتلىق قىلىنىدۇ. ئوغۇللارنىڭ كوچىدا ئويناش ۋاقتى قىزلارغا قارىغاندا ئۇزۇنراق بولىدۇ. ئۇلار كېيىن قول ھۈنەرۋەنچىلىككە شاگىرتلىققا كىرىدۇ ياكى سودىگەر بولىدۇ. يېزىدىكى بالىلار بولسا ئىشەك مىنىدۇ ياكى قوي، كالا، ئۆچكە باقىدۇ. ئەلبەتتە بۇ يەردە مەكتەپمۇ بار . نۇرغۇن بالىلار مەكتەپتە بەش - ئالتە يىل ئوقۇيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ بەش - ئالتە يىلدا ئۆگىنىدىغىنى پەقەت بىر قانچە ناماز ئايەتلىرىدۇر. ئۇلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىمۇ كىتاب ئوقۇشنى بىلمەيدۇ. بۇ يەردە كىتاب ئوقۇشنى بىلىدىغانلاردىن نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئىچىدىن پەقەت تۆت - بەشى ئاران چىقىدۇ. ئاياللارنىڭ ئارىسىدىن بولسا مىڭنىڭ ئارىسىدىنمۇ بىرى چىقمايدۇ."
ئاپتور نەشرىياتچىلىق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق بىر مىسالنى تىلغا ئالىدۇ: "بۇ يەردە ئوقۇغىدەك كىتاب يوق، بار دېگەن تەقدىردىمۇ ناھايتى ئاز ساندىكى قوليازمىلار بار. بۇ يەردە نۇرئاخۇن دەپ بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئىسمىنىڭ مەنىسىگە يارىشا ، خەلقىگە ھەققىي نۇر بېرىشنى ئويلايتتى. شۇڭا ئۇ ھېندىستاندىن كېرەكلىك تاش مەتبە ماتېرىياللىرىنى ئەكىلىپ ئىككى كىتاب بېسىپ چىققان ئىدى، ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھېندىستانغا قايتا بېرىپ تاش مەتبە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ كېلىپ، يەنە ئىككى كىتاب باستى، ئەمما تەننەرقى بەك قىممەت بولۇپ كەتكەچكە نۇرئاخۇن بارلىق ئىقتىسادىدىن ئايرىلىپ نامراتلىشىپ، كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى."
بۇ كىتاب گەرچە كىچىك بىر كىتابچە بولسىمۇ، ئەمما بۇ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى ئەدەبىي خاتىرە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقىنى بىلىشتە يەنىلا مەلۇم قىممىتى بار ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.