بۇ يىل ئېلان قىلىنغان 2007 - يىللىق دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالىغا بۇرۇنقىدەك ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلغان بولۇپ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئومۇمى تۈزۈلمىسىگە مۇنداق باھا بەرگەن "خىتاي بىر پارتىيە كونتروللىقىدىكى ئەركىن سايلام بولمىغان بىر دىكتاتور دۆلەت. بۇ دۆلەتتە سىياسى ئۆكتىچىلىك،سۆزلەش ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى،تەشكىلاتلارغا ئويۇشۇش ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك قاتتىق چەكلەنگەن ،خەلقنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرى خىتايدىكى چوڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بولۇپ، ئىقتىسادى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغىلى 30 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ، يەنىلا 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ناھايىتى نامرات ھالەتتە ياشايدۇ.
شەخسلەرنىڭ ئادەم سودىسى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن.خىتاي سوتىنىڭ ئىنسانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشى ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان ئەھۋال بولۇپ، 2006 - يىللىق ستاتىستىكىغا قارىغاندا 2790 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم. گەرچە خىتاي قانۇنىدا جىنايەتچىلەرنى قىيناش چەكلەنگەن بولسىمۇ 2005 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىمىنىڭ تەكشۈرۈشى قىيناپ سوراق قىلىشنىڭ يەنىلا ئېغىر ئەھۋالدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، بولۇپمۇ قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ،قاماپ قويۇش قىلمىشى ئادەتكە ئايلانغان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا" .
ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنىڭ خىتاي قىسمى جەمى 21 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، دوكلاتتا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشقا تىگىشلىك ھوقۇقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانداق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى مۇشۇ 21 بۆلەك ئىچىدە بىر قەدەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان. ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنىڭ بىر بۆلىكى مەخسۇس خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۆز يۇرتلىرىدا كۆپ سانلىق نوپۇسنى تەشكىل قىلغان بۇ مىللەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونلارغا خىتاي نوپۇسىنى پىلانلىق يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۆز يۇرتلىرىدا ئاز سانلىققا ئايلىنىپ، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنىڭ جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان قىسمىدا مۇنداق بايانلار بېرىلگەن: خىتاي خەلىق جۇمھۇرىيىتى بۇ رايوننى ئىگىلىگەندە %6 ئەتراپىدا بولغان خىتاي نوپۇسى بۈگۈنكى كۈندە كۆپىيىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەن. 80 - يىللاردىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا قاراتقان كونترول قىلىش ،باستۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ قاتتىق كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلىگەندىن سىرت ، ئۇلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش ،قاماققا ئېلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن جازالاشنى ئاشۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى بەرگەن مەلۇماتىدىن قارىغاندا ، خىتاينىڭ قانۇن ئورگانلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزدى دېگەن سەۋەب بىلەن ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ۋە قاماققا ئالغان. ئۇنىڭدىن سىرت خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكى كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرغان.
گەرچە شۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر دىكتاتور دۆلەت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئەمما شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىنسان ھەقلىرى دىيالوگىدىكى يېتەرسىز تەرەپلىرى ئىزچىل تۈردە ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.ئۇلار شىۋىتسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى شىۋىتسىيىنىڭ خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى تەنقىد قىلىشىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قۇيۇۋاتىدۇ دەپ قارىماقتا.